دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 13 - ئىيۇل كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇرلار شىۋېت، ئۇيغۇر، خىتاي تىللىرىدا نۇتۇقلار سۆزلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار ھەر خىل شوئارلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى. نامايىش جەريانىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى سىرتقا چىقىپ نامايىشچىلارنى مەخپىي سۈرەتكە ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ، ئەمما نامايىشنى قوغداشقا كەلگەن شىۋېت ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
بۇگۈنكى بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە ، شۋېتسىيە ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۆمەر مۇستاپا سۆزگە چىقىپ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي زۇلمىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان بولمىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئېتىقادلىرى ئۈچۈن چېكىۋاتقان رىيازەتلىرى بىزگە ئايان. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن ۋە تۇتقۇندىن بەك ئەپسۇسلاندۇق .بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ياۋايىلارچە زوراۋانلىقىنى توختىتىشىنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ بالدۇرراق مۇستەقىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىشنى توختاتمايمىز ھەم قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز."
نامايىش ستوكھولم ۋاقتى سائەت 1 دە باشلىنىپ 3 تە ئاخىرلاشتى.