يىغىننى ABF سارىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ،يىغىنغا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان شىۋېتلار، تىبەتلەر،خەتەر ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي خىزمەت نىشانى قىلغان 4 - دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۈپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ABFسارىيى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسى تەرىپىدىن - 1912يىلى قۇرۇلغان تەربىيىلىنىش مەركىزى بولۇپ،ھەر كۈنى بۇ يەردە نەچچە ئونلىغان ھەر خىل تېمىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، يەر ئاستى بايلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئادۋوكاتى مادىلاينا سېىتلېتز خانىم مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ۋە شىۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى، ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى بىلەن خىتاي دېموكراتچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانلىرى ھەققىدە سوئاللار سورالدى.
يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ABF سارىيىنىڭ خادىمى مۇنداق دەيدۇ:"ئۇيغۇر مەسىلىسى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنسىمۇ، ئەمما كۆڭۈل بۆلۈش يەنىلا يېتەرسىز، بىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن شىۋېت خەلقىگە بولغان تەشۋىقاتنى ۋە چۈشەندۈرۈشنى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. مەن ھەر زامان شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتى بولغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىمەن."
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئادۋوكاتى مادىلاينا سۆز ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:"ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقى ئېنىق، مەن شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ كۈزدە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە بىر دوكلات سۇنىمەن."
0:00 / 0:00