شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان فوتو رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى ژۇرنىلى'نىڭ تەھرىرى، ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا قەشقەر، كۇچالاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ساقچىلىرىغا قارشى ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى شىۋىتسىيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى سەلبىيلەشتۈرىدىغان تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئەھۋال ئاستىدا، شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ زوراۋانلىقى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

0:00 / 0:00

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان بۇ كۆرگەزمىنى قانداق ئەھۋال ئاستىدا ۋە نېمە ئۈچۈن ئاچقانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان بۇ كۆرگەزمىنى ئويۇشتۇرغۇچىلارنى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان شىۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان بۇ كۆرگەزمىدىكى فوتو سۈرەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى.