خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى بىلەن بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملىك پاكىتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنى قويۇۋاتىدۇ. يەرلىك شىۋېتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىلا ئەمەس، شىۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئىسپات كۆرسىتىپ جاۋاب بەرگەن.
'زامانىمىز 21 - ئەسىرگە كەلگەندىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇنداق ھايات مەۋجۇتمۇ؟'
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر فوتو كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن شىۋېتلەر 'زامانىمىز 21 - ئەسىرگە كەلگەندىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇنداق ھايات مەۋجۇتمۇ؟' دەپ سوئال سورىغان. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
'خىتاي ساقچىلىرى مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالدى، لېكىن ماڭا يېقىنلىشىشقا باتۇرلۇق قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ بولدى'
-شەرقىي تۈركىستانلىق كۆرەش كۈسەن، قەيسەر ئابدۇرۇسۇل مىنىڭ غەربكە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تازا تونۇش بولمىغان، ئەمما ناھايىتى كۆپ مەسىلە ساقلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلىشكە بەل باغلىشىمغا ئىلھام بولدى، - دەيدۇ شىۋېتسىيىدە ئوقۇۋاتقان تەتقىقاتچى پېر ئەپەندى كۆرگەزمە كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، - مەن بۇ جايغا باردىم، فوتو سۈرەتلەرنى تارتتىم، خىتاي ساقچىلىرى مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالدى، ئۆزىگە خىيىم-خەتەر كېلىدىغانلىقىغا قارىماي ماڭا ياردەملەشكەن ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ بولدى.
شۇ سەۋەبتىن مەن ساقچى پونكىتلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلدىم. مىنى نەچچە-نەچچە سائەت تۇتۇپ قالدى. مەن يەرلىك خەلقنى خەتەرگە يۇلۇقتۇرماي دەپ ئۇلاردىن كۆپ ياردەم سورىمىدىم. ئەمما باتۇرلۇق قىلغانلار بولدى. يۈز بەرگەن ناچار ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. مەن نەگە بارسام، ساقچىلار ھەر ۋاقىت مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋېلىپ كەيپىمنى بۇزدى، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى قانچىلىك ئادەمنى ياللاپ ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
-كۆپىنچە قەشقەردە بولدۇم، - دەيدۇ پېر ئەپەندى، - يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، ئاتۇشلارغا، ھەتتا بەزى كىچىك مەھەللىلەردىكى بازارلارغىمۇ باردىم، ھەممىلا جايدا ئەھۋال ئوخشاشكەن.
'سىلەرنىڭ تىلىڭلار بارمۇ؟'
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، فوتو كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن شىۋېتلەردىن بەزى كىشىلەر 'سىلەرنىڭ تىلىڭلار بارمۇ؟' دەپ سوئال سورىغان.