بۇ مۇلاھىزىلەرنىڭ تىپىكلىرىدىن بىرى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ 5 - چىسىلا ئەتىگەندە ئورۇنلاشتۇرغان "خەيرلىك سەھەر شىۋېتسىيە " ناملىق پروگراممىسىدۇر. بۇ پروگراممىغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ ۋەكىلى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە بۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كېلىدىغان ئەلچى بۇ مۇنازىرىگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ۋەكىل قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلىپ، پروگرامما باشلىنىشتىن بۇرۇن كېلىشتىن يالتىيىۋالغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلەپ بايانات بىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرى ۋە مۇخبىرلىرى بۇ مەسىلىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ نېگىزىنى ئىزدىگەن.
ئۇلار ئاخبارات يۈزىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بىرىۋاتقان قاتتىق كونترول قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىلەردە جازالاش، ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇش، ئەمگەك بازارلىرىدا كەمسىتىش، دىنىي جەھەتتە خورلاش، پۇقرالىق سالاھىيەت جەھەتتە خىتايلاردىن تۆۋەن كۆرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەڭسىز سىياسىتىگە باغلىغان.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىكتاتۇرلۇقى ئۇيغۇرلاردا خىتايلاردىن ئايرىلىپ ياشاشقا بولغان تەشنالىقىنى، مۇستەقىللىققە بولغان ئارزۇسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.
شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىتا دىنىي زات قۇربانجان ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.