شىۋېتسىيىدە نامايىش تەشكىللىگۈچى تېلېفون تەھدىتىگە ئۇچرىدى

5 - ئىېيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشچە، نامايىش رىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىجات نامەلۇم كىشىلەر تەرپىدىن ئۇرۇلغان تېلېفوندا تەھدىت تەلەپپۇزىدىكى سوئال - سوراققا دۇچ كەلگەن.

0:00 / 0:00

نىجات شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بىر قانچە قېتىملىق نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئاكىتىپ كۈچ چىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تېلېفون ۋەقەسىگە دائىر ئىشلاردىن مەلۇمات بەردى.

نىجات تەھدىت تەلەپپۇزىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللۇقىدا بۇ ئىشنى شىۋېتسىيە ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، ساقچى تارماقلىرى بۇ ئىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا سۆھبەتنىڭ جەريانى ھەققدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.