شىۋېتسىيە، خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى

شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ساقچى تارماقلىرى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلدى دېگەن جىنايەت بىلەن شىۋېتسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. بۇ تاسادىپى خەۋەر شىۋېتىسيىنىڭ ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ قىزىق نوقتىلىق ئۇچۇرىغا ئايلىنىپ بەس - بەس بىلەن خەۋەر قىلىندى.

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيىلىكلەرنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى، ئىشپىيون گۇماندارىنىڭ شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغانلىقىدۇر، چۈنكى شىۋېتسىيىدە بۇندىن ئىلگىرىمۇ بۇنداق ئىشپىيونلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دىپلوماتىيە خادىملىرى ياكى شىۋېتسىيىدە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن باشقا دۆلەت پۇقرالىرى ئىدى.

بۇ خەۋەر ئەڭ دەسلەپ شىۋېتسىيە تېلىۋىزىيىسى 4 - قانىلى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، خەۋەر تارقىتىلغان شۇ كۈنى كەچتە شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى فرىدېرىك رېيىنفېلت ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات بېرىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جىنايەت گۈماندارى قولغا ئېلىنىپ شۇ كۈنىلا شىۋېتسىيە تەپتىش ئىدارىسىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، باش تەپتىشنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى قىلىمىشلىرىغا دائىر دەلىل - ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايىتى بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر بىرەلمەيدىكەن.

ئەمما مۇخبىرلار جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىـگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئاشكارىلىغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىدەك بولغان: خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، 90 - يىلارنىڭ ئاخىرى شىۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىققا ئىرىشكەن.

2002 - يىلى شىۋېتسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، 61 ياش، خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلەيدۇ. باش تەپتىش شىۋېتىسيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەرىكىتى يالغۇز شىۋېتسىيە بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ چېتىشلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، جىنايەت گۇماندارى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ شەخسى ماتېرىيالىنى يەتكۈزۈپ بىرىشكە مەسئۇل بولغان.

بۇ ئىش ئاخبارات يۈزىدە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر - بىرىگە تېلېفون قىلىشىپ بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشقان ۋە خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن بۇ ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشقان، گەرچە ئۇلارنىڭ گۇمانى بىر نوقتىغا يىغىلغان بولسىمۇ ئەمما، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىسپاتلىق باياناتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيىشكە پېتىنىشىالمىغان. بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆز ھېسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى ھەققىدىكى سوت مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى ئېچىلىدىكەن، ئەگەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققدىكى ئەيىبلەشلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا جىنايەت گۇماندارى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. جىنايەت گۇماندارى شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن شىۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە خىتايغا قايتۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز ئىكەن.

شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار جىنايەت گۇماندارىنى 2008 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.