شىۋېتسىيدىكى ئۇيغۇرلار 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

بۈگۈن، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىش چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە باشلاندى. گەرچە سىرت سوغاق ۋە شاماللىق بولسىمۇ، نامايىشچىلار بار ئاۋازى بىلەن شۇئار توۋلاۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى.

بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا كرىست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوتتو ۋون ئارنال ئەپەندى ۋە يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت كاپلان ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.