شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر ئۆمەك - 28 چېسىلادىن باشلاپ 4 كۈنلۈك شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن يەنى - 30 چېسلا شۋېتسىيە پارلامېنتنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

نامايىشنى شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا نامايىش ھەققىدە ئۇچۇر تەپسىلى ئۇچۇر بەردى.

نامايىشقا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە، سودىنى دەپ ئەخلاقى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ شۋېتسىيە باش ۋەزىرى فرېدىرىك رايىنفېلت بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا باش ۋەزىر فرېدىرىك رايىنفېلت خىتايدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان، ئەمما شى جىنپىڭ باش ۋەزىرىنىڭ سۆزىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.