0:00 / 0:00
نامايىش ستوكھولىم ۋاقتى سائەت 3 تە باشلاندى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى غەزەپ بىلەن شۇئار توۋلىدى.
بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتىراپىغا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا 50 تىن ئارتۇق ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساقچى تەرەپ تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قاتتىق تەدبىر ئالغان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.