شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى

شىۋېتسىيىدە بىر قانچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرى، ئىجىتىمائى ھاياتى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن تارتىپ كەلگەن رەسىملىرى بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رىئاللىقىنى شىۋېت خەلقىغە ھارماي چۈشەندۈرۈپ كىلىۋاتقان پېر ئېڭىستۈرۆم ئەپەندى شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەر بولغان مالمۆ شەھىرىدە ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق بىر ئايغا سۇزۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسىنى باشلىغان.

0:00 / 0:00

پېر ئېڭىستۈرۆم ئەپەندى كۆرگەزمىگە ئايىقى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر سورىغان سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مالمۆ شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 7 - فېۋرال كۈنى كۆرگەزمە زالىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇر بېرىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

كۆرگەزمە ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسىدى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن پېر ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ":مالمۆ شەھىرى شىۋېتسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىۋېتسىيىنىڭ سىياسى ۋە بىلىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى. مەن كۆرگەزمە ئاچقان تۇنجى كۈنى4 سائەتنىڭ ئۆزىدە 400 - 500 كىشى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى، بۇنى شىۋېتسىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆرگەزمىلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا بىر رېكورت دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلاپ باقمىغان، شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمەكچى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسلى دوكلات بەردى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ شىۋېتسىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئادىل ھېكىم ئۆزىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قامىلىپ قېلىشىنىڭ جەريانى ۋە تارتقان كۈلپەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، شىۋېتسىيە پارلامىنتىدىن ئوتوكون ئارنال ئەپەندى شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر خىزمەتلەردىن ئۇچۇرلار بەردى ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلدى.

كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۋاتقان پېر ئەپەندى 2004 - يىلدىن بىرى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان شىۋېتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇنى ماددى ۋە مەنىۋى ئاساسلار بىلەن كۆپ قوللىغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات ئەپەندى بۇ خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

پېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇنىڭ بۇ كۆرگەزمىسى شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرى تەرىپىدىن بەس ‏ - بەس بىلەن خەۋەر قىلىنغان بولۇپ،"خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇنتۇلغان مىللەت - ئۇيغۇرلار " نامىدىكى بۇ كۆرگەزمە شىۋېت خەلقى ئارىسىدا زور ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.