0:00 / 0:00
ئۇيغۇرلار باشقۇرۇشىدىكى "مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى" ئىشلەنگەن ئاشۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرىدۇر. "مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى" 2006 - يىلى 5 - ئايدا ستوكھولىمدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2007 - يىلى شۋېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەن.
مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا تىلىدا سۆزلەش، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىنى تونۇش ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
مەكتەپ قۇرۇلغىنىغا 4 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە، "مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى"نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن مەكتەپنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.