شۋېتسىيەدە يەنە بىر خىتاي جاسۇس گۇماندارى قولغا ئېلىنغان

بۈگۈن شۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسىيەدە خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان يەنە بىر جاسۇس گۇماندارى قولغا ئېلىنغان. ئەمما خەۋەردە جاسۇس گۇماندارىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ۋە كونكرېت قىلمىشى بايان قىلىنمىغان.

0:00 / 0:00

خەۋەر، شۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ بېرىلىشكە باشلىغان. شۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ خەۋەرنى شۋېتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن تارقاتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، قولغا ئېلىنغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ يېشى 42 ياش، شۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئەتىگەندىن بېرى، مەزكۇر جاسۇس گۇماندارىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئالدى بىلەن شۋېتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن گۇماندارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى سورىغان، خادىملار، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان، پەقەت خىتايغا ئىشلەيدىغان بىر جاسۇس گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىلا بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئورنى ستوكھولم دەپ كۆرسىتىلگەن.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەۋەردە كۆرسىتىلگەن مەھەللىدە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۇيغۇر جامائىتىگە ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. دىلشات رىشىت يەنە، بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىدا، 42 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن "غايىپ بولۇپ كەتكەنلەر"نىڭمۇ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.