كىتابقا ماتېرىيال بولغان بۇ خەتلەر ھازىر لوۋىسانىڭ سىڭلىسى كىرستىينانىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىنىڭ "شەرقى تۈركىستان" بۆلۈمىدە ساقلانماقتا.
لوۋىسا ئىڭۋال شۋېتسىيىنىڭ كارىلسكوگ ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1900 - يىلى شۋېتسىيە مىسسىيونېرلىرى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا 35 ياشتا بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئۇ 1906 - يىلى شۋېتسىيىگە قايتىپ كېتىپ، 1908 - يىلى قەشقەرگە قايتا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇ مىسسىئونېرلار ئاچقان دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇننى ياخشى كۆرۈپ قالغان. لوۋىسانىڭ بۇ ھەرىكىتى شىۋېت مىسسيونېرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئۇلار لۇۋىسانى شۋېتسىيىگە مەجبۇرىي كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولغان.
ئەمما لوۋىسا 1912 - يىلى توختاخۇن بىلەن چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىگە قېچىپ بارغان ۋە شۇ يەردە توختاخۇن بىلەن توي قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئوشتىن قەشقەرگە بىرلىكتە قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، ئۇدۇل كۇچاغا كەتكەن. ئۇلار كۇچادا تاكى 1935 - يىلى سېنتەبىر ئايلىرىغىچە تۇرغان.
لوۋىسا ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن كۇچادا تۇرغان بۇ 23 يىل جەريانىدا كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىششىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنگەن، ئۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بولۇپمۇ، ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ - تالاڭلىرىغا، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلىرىغا شاھىد بولغان. لوۋىسا شۋېتسىيىدىكى سىڭلىسى كىرستىيناغا يازغان خەتلىرىدە بۇلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
لوۋىسانىڭ سىڭلىسىغا يازغان خەتلىرى 1900 - يىلى تېرەكداۋاندا يازغان تۇنجى خېتى بىلەن باشلىنىپ، 1935 - يىلى قەشقەردە يازغان ئاخىرقى خېتى بىلەن ئاخىرلاشقان. لوۋىسا ھەر قېتىم سىڭلىسىغا خەت سالغاندا خەت بىلەن بىرگە بىر قانچە پارچە رەسىم سالغان بولۇپ، رەسىملەردە كۇچاغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكى مەلۇم، بىراق بۇ رەسىملەرنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇلمىغان.
لوۋىسا قەشقەردىن سىرت رايونلاردا تۇرغان بىردىن - بىر شىۋېت مىسسيونېرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا مىسسيونېرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولغان، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ كۇچادا تۇرغان مەزگىللىرىدە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن سىرت، تۇغۇت ئانىسى بولۇپ، كېچە - كۈندۈز دېمەي يېزا - قىشلاقلارغىچە بېرىپ ئانىلارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەمدە بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى، بىلىشى بىر قەدەر چۇڭقۇر بولغان. بىراق كىتاب لوۋىسانىڭ يازغان خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كىتابتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۇچاغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار لوۋىسانىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىدىن كۆپ ئاز بولغان. لوۋىسا شاھىت بولغان تارىخى ۋەقەلەرگە قارىغاندا، ئۇششاق تۇرمۇش تەسۋىرلىرى كۆپ بولغان.
لوۋىسا ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن 1935 - يىلى كۈز ئايلىرىدا ئانا ۋەتىنى شۋېتسىيىگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. توختاخۇن لوۋىسا بىلەن چېگراغىچە بىرگە كەلگەن. ئەسلىدە توختاخۇن لوۋىسا بىلەن بىرگە شۋېتسىيىگە كېتىش نىيىتىدە بولسىمۇ، ئەمما قولىدا قانۇنلۇق پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لوۋىسا بىلەن چېگرىدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ چېگرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاخىرقى قېتىم بىر - بىرى بىلەن ۋىدالاشقان. لوۋىسا مۇشۇ قېتىملىق سەپىرىدە موسكۋاغا يېقىن قالغان بىر يېزىدا 70 ياشقا تولىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاپات بولغان. ئەمما توختاخۇننىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە باشقا مىسسيونېرلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىمۇ ھېچبىر ئۇچۇر قالدۇرۇلمىغان.
گەرچە، بۇ لوۋىسانىڭ خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇ، يەنىلا 20 - ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قىممەتلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.