شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ روزا ھېيتلىق پائالىيتىگە ئىشتىراك قىلدى
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى رۇزا ھېيتلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى، ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن
بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، جەمئىيەت رەئىسى نىجات تۇرغۇن پائالىيەت داۋامىدا بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا مۇيەسسەر بولغان.
پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نىجات تۇرغۇن پائالىيەتتىكى ئۇچرىشىشلاردىن مەلۇمات بەردى.