بۈگۈن يەنى، 22-ئىيۇن كۈنى بۇ يىغىن 4-كۈنگە قەدەم قويدى، بۈگۈنكى يىغىن ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلاندى. يىغىندا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن جامائەت ئەربابى، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە جۇرنالىستلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى، «ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەمكارلىقتىن ئوتتۇرىغا چىققان تەشكىلاتلار تارىخى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
بۈگۈنكى يىغىندا يەنە شۋېتسارىيىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، «كومپيۇتېر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
كېيىن يەنە نورۋېگىيىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئاتاخان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ھەمكارلىقتىن قولغا كەلگەن نەتىجىلىرىنى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
بۈگۈنكى يىغىندىمۇ ئاساسلىقى، تەشكىللىنىشتە ھەمكارلىق قىلىش، تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش، ئىجتىمائىي خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش، كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت ئۇچۇر ساھەسىدە ھەمكارلىشىش دېگەنگە ئوخشاش پىكىر-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.
يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنى ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن بۇ يىغىن ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇسلان ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.»