شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆلگەن

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلىشىپ قالغانلارنىڭ كۆپرەكى ئىنقىلابچىلار سېپىدىن بولۇپ 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان سۇلتانبەكمۇ ئەنە شۇلاردىن ئىدى.

0:00 / 0:00

سۇلتانبەك سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە شۇ جايدا ۋاپات بولغان ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئەھمەد مۆمىن بىلەن سۆھبەت

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى سۇلتانبەك ھەققىدە مۇنداق دېدى:" سۇلتانبەك لېنىننىڭ زۇلمىدىن قېچىپ، بىزنىڭ يۇرتقا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا بىزنىڭ خەلققە نىسبەتەن بىلىملىك ھېسابلىنىدىغان بىر بۆلۈك ئۆزبەكلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، بۇ كىشى 1933 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان كىشى ئىكەن. كېيىنچە ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن سۇلتانبەك بىزنىڭ يۇرتتىن قېچىپ چىقىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئىكەن."

سۇلتانبەكنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىشى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى سۇلتانبەكنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىش تارىخى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" سۇلتانبەك، مۇسا شەيتان، ياقۇپ خوجا ۋە باشقىلار نىڭ 1936 - يىلى بىزنىڭ ۋەتەندىن قېچىپ كەلگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا شىڭشىسەي ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئېلىپ ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەپىسى كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارمۇ ئەسلىدە چەتئەلدىن كىرگەن ئادەملەر بولغانلىقتىن، بۇ يۇرتتا ئەمدى بىزگە ياخشى كۈن يوق دېگەننى پەرەز قىلىشىپ شۇڭا چىقىپ كەتكەن بولىشى كېرەك."

سۇلتانبەكنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى

ئەھمەد مۆمىننىڭ ئېيتىشىچە، سۇلتانبەك سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىدىكى ئۆيىنىڭ مەخسۇس مېھمانخانىسىدا ھەمىشە دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا پاناھ ئىزدەپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدىكى مىللىي ئىنقىلاب ھەققىدە قىسسىلەرنى ۋە ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلىكلەرنى ھاياجان بىلەن قىزىقىپ سۆزلەپ بېرىدىكەن. ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيىدىن زىيارەتچى كەم بولمايدىكەن. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، سۇلتانبەكنىڭ 90 - يىللاردا تائىف شەھىرىدىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم.