شۈكۈر تۇران ئەپەندى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 8 دە ئەنقەرەدىكى يېڭى مەھەللىگە جايلاشقان ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى ۋە ۋە ئەتىسى ئەنقەرە قارشىياقا مازارلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.
شۈكۈر تۇران ئەپەندى 1936-يىلى ياركەنتتە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى خوتەن ئۇرۇشىدا مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ يېنىدا دوختۇرلۇق قىلغان. مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا قوماندانلىقىدىكى قوشۇن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلەزىز بەگ خىتايلار تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن. شۈكۈر تۇران كىچىكىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان بولۇپ، ئۇنى مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا بېقىۋېلىپ ئوقۇتۇپ چوڭ قىلغان.
1949-يىلى مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا بىلەن بىللە ھىندىستانغا قېچىپ چىققان شۈكۈر تۇران ئەپەندى 1955-يىلى تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1965-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە تۈركىيە مىللىي كۇتۇپخانىسىدا مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلى پېنسىيىگە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدا مۇتەخەسسىس ۋە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇر تارىخى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىلىرى تۈركىيىدىكى ھەر خىل ژۇرنال ۋە گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان «ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى» ناملىق ئەسىرى، ئىرفان ئۈنۋەر ناسرەتتىنوغلۇ بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن شۈكۈر تۇراننىڭ تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا، مەسئۇت سابرى بايقوزى، قۇربان قوداي، ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر قاتارلىق كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بىز شۈكۈر تۇراننىڭ ھاياتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ۋە شۈكۈر تۇراننى ياخشى تونۇيدىغان خەمىت گۆكتۈركلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.