شۋېتسىيە دۆلەت مىنىستىرى ئېرىن ئۇللەنھاگ د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختى بىلەن باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى شۋېتسىيىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئېرىن ئۇللەنھاگ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

0:00 / 0:00

ئوتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى بۇ ئۇچرىشىشتا، مەمەت توختى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شۋېتسىيە دۆلەت مىنىستىرى ئېرىن ئۇللەنھاگ ئەپەندىگە شۋېتسىيىدە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن شۋېتسىيىدە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يازما دوكلاتنى بەرگەن.

بۇلاردىن باشقا مەمەت توختى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

شۋېتسىيە دۆلەت مىنىستىرى ئېرىن ئۇللەنھاگ ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن يەنە قانداق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى؟ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.