0:00 / 0:00
بۇ پائالىيەتكە ستوكھولمدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن باشقا شۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە قوشنا دۆلەتلەردە ياشىغۇچى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتى ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا، مول مەزمۇنلار بىلەن داۋاملاشتى. شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
بىز بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات ئەپەندى ۋە شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مەھمەت قاپلان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.