شۋېتسىيىدە 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى ۋە كۈرەش سۇلتان قاتارلىق مەرھۇملارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر بېرىلدى

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11-ئاينىڭ 12-كۈنى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى.

0:00 / 0:00

جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، شۋېتسىيىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان كۈرەش سۇلتان، ئەخمەت ئىسكەندەر ۋە سەنەۋەر خانىم قاتارلىق ئۈچ مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر بەردى.

پائالىيەت باشلىنىش سۆزىدىن كىيىن ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن رەسمىي باشلاندى. قۇرئان تىلاۋىتىدىن كىيىن شېھىتلەرنىڭ ۋە مەرھۇملارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

پائالىيەت داۋامىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلگەندىن سىرت، پېشقەدەملەر سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە ياش ئەۋلادلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ، سۇلتان ئاكىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى.