شىۋېتسىيەدە خوتەندە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

7-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن رايونىدا ئۆز ئادالىتىنى ۋە ئىنسانىي ھەق‏-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىن قىلغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

گەرچە نامايىش ئىش كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرگە قارىتا غەزەپ-نەپىرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى ۋە ياڭراتقۇلار بىلەن توۋلىغان شوئارلىرى شۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى بىلەن پادىشاھ سارىيىنى لەرزىگە سالدى.

xoten-weqesi-shwetsiye-namayish1-385.jpg
شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار خوتەندە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ شۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2011-يىلى 21-ئىيۇل. (RFA/Yaqun)

نامايىش جەيانىدا ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈرك، ئەرەب ۋە باشقا مىللەت جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

نامايىش جەريانىدا بالىلارنىڭمۇ شوئارلارغا جۆر بولۇشى نامايىشنى كۆرۈۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى.

ئابدۇللا ئەھەد ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالدى.