1-ئۆكتەبىر ھارپىسىدا شۋېتسىيىدىكى ھۇدىكىسۋال شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

29-سېنتەبىر كۈنى شۋېتسىيىنىڭ ئوتتۇراھال شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ھۇدىكىسۋال شەھىرىدە 1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى نامايىشنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ھۇدىكىسۋال شەھەرلىك تارمىقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھەمكارلىق خىزمىتى ئېلىپ بارغان. ئادەتتە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشنى ستوكھولىم شەھەر مەركىزىدە ياكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ باراتتى. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدىن 300 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان ۋە يەرلىك خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايوندا ئېلىپ بېرىلىشى نامايىشنى كۆرگۈچىلەردە ئالاھىدە بىر قىزىقىش پەيدا قىلغان. بىز نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نامايىش قاتناشچىلىرىدىن بىرى بولغان شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نامايىش خەۋىرى شۇ كۈنى ھۇدىكىسۋال گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نامايىش ئېلىپ بارماقچى.