شۋېتسىيىدە 1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

بۈگۈن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ستوكھولىمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا نامايىشنىڭ باشلاش سۆزىنى قىلدى. بىرقانچە يىللاردىن بىرى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولغان كۈنى دەپ بىلىپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا 1-ئۆكتەبىر كۈنى نامايىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

نامايىش ئىش كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىر سائەت داۋاملاشتى. نامايىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئەخمەتجان سۆز قىلىپ نامايىش قاتناشچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.