شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق سايلىمى بولۇپ ئۆتتى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق سايلىمى 19-يانۋار كۈنى ستوكھولىمدا بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ بېرى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىدە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەن. سايلام كومىتېتى بىر ئاي ئىلگىرى ھەرقايسى ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا سايلام ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىپ، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا رەئىس بولۇشنى خالىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

سايلام بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، دېموكراتىك ئۇسۇلدا ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىگىت بېشى، جامائەتنىڭ چوڭى فارۇق ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، سايلام ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە نېمە ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى ئالدىنقى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى. سايلام تەرتىپىگە ئاساسەن يېڭىدىن سايلانغان رەئىس ئابدۇشۈكۈر سامساق ئۆزى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە كەلگۈسى خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

سايلامنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن بىر ئۇيغۇر موماي ئوتتۇرىغا چىقىپ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسكە دوپپا كىيدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، شۇندىن بېرى شۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.