شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان «خىتايدا تۇرۇپ خىتاي ھەققىدە سۆزلەش» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار

شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى 2-قانىلىدا تارقىتىلغان «خىتايدا تۇرۇپ خىتاي ھەققىدە سۆزلەش» نامىدىكى چاتما پروگراممىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سانىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى دىلنار ئابدۇللا زىيارەت قىلىنغان.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 2-قانىلى يېقىندا «خىتايدا تۇرۇپ خىتاي ھەققىدە سۆزلەش» نامىدا چاتما پروگرامما ئىشلەشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە «دراماتىك تارىخ»، «ھوقۇق ۋە خەلق» ناملىق قىسىملىرى تارقىتىلدى. تېلېۋىزىيە تور بېتىدە، بۇ پروگراممىنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
‏- بىزنىڭ مەقسىتىمىز، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئاتالغان خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئۇلارنىڭ سىياسىيغا بولغان چۈشەنچىسى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئەدەبىيات ۋە ئاياللارنىڭ ھاياتى، شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى باي- كەمبەغەللىك پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تارىخىي نۇقتىدىن كۆزىتىپ باھا بېرىشتۇر.

پروگراممىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولغان «ھوقۇق ۋە خەلق» دېگەن بۆلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلىنىدۇ. «شىنجاڭ خىتايدىكى 5 ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولۇپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسىدۇر» دەپ تەسۋىرلەيدۇ پروگرامما رىياسەتچىسى. پروگراممىدا مۇنداق دېيىلگەن:
-‏ 2009 ‏- يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا زور توقۇنۇش يۈز بېرىپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى. توقۇنۇشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولسا، بىر قىسىمنى تۈرمىگە تاشلىدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق، دىلنار ئابدۇللا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى.

پروگراممىدا ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللانى زىيارەت قىلىپ، دىلنار ئابدۇللانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشىنى ئالىدۇ. دىلنار ئابدۇللا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر قىسىم ئەسكى ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەت دەپ تەسۋىرلەيدۇ.بىز دىلنار ئابدۇللانىڭ بۇ سۆزىگە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئىنكاسى بارلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقنى زىيارەت قىلدۇق.

پروگراممىدا دىلنار ئابدۇللانى «گەرچە، دىلنار ئابدۇللا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى ۋە ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئاكتىپ قوللىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر» دەپ تونۇشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، دىلنار ئابدۇللا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسسۇلچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆز قارىشى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ھەم ئۇنىڭ زىيارەت داۋامىدا دېگەن سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي قەلب سۆزى بولۇشى ناتايىن. چۈنكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت خىتاي خەلقىنىڭلا ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن.