16-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇن تۈركىيىنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مەسئۇلى ھەمدە باش مۇزاكىرىچى ئەگەمەن باغىش ئەپەندىنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىلىشقا شۋېتسىيىدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تۈرك تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان.
تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىلىشتا تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر، ئەزەرى ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن باغلىق ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر سۆھبەتتە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز پۇرسىتى بېرىلگەن. شۋېتسىيە ھەمدە ياۋروپانىڭ باشقا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن باغلىق ئىشلىرى مۇھاكىمىگە قويۇلغان. بولۇپمۇ، ياۋروپا ئەللىرىدە تېخىچە ۋەتەنداشلىق رەسمىيەتلىرى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ-كېلىشىدە ۋىزا مەسىلىسى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەمەن باغىش ئەپەندى ۋە تۈرك باش ئەلچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈردىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەخمەتجان ئەپەندى يەنە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرك جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىدا كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.