شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى ۋە ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇش ھەممە ئۇيغۇرلارنى شادلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ يىلمۇ شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىللىق روزى ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇپ، ھېيت خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. ھېيت نامىزىغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى ئۆمەر قارىم ئىماملىق قىلدى. نامازدىن كىيىن ئۇيغۇرچە ئۇقۇلغان دۇئا نامازخانلارنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى.

كەچتە يەنە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كەچلىك ھېيت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھېيت پائالىيىتى ئاساسەن بالىلارنى مەقسەت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن ھەر خىل مەزمۇندىكى ئىقتىدار ئىپادىلەش ماھارەتلىرى كۆرسىتىلدى.