شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى نامىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى نامىدىكى پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇلار ستوكھولىمنىڭ كۆپ خىل مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رىنكېبۈ رايونىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى يايمىسى ئېچىپ شۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى نامىدىكى بۇ خىل پائالىيىتىنى 2007-يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيۇشمىسى جايلاشقان بۇ رايوندا بۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.