0:00 / 0:00
سىتوكھولىم شەھىرىدىكى شۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا باشلىنىپ ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەۋجىگە چىققان بۇ قېتىملىق نامايىشتا شۋېتسىيە پارلامېنتى ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى سۆز قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى ماھىنۇر خانىمنىڭ تەھرىرىمىز ئىلتەبىرگە يەتكۈزگەن مەلۇماتىدىن ئاڭلايسىلەر.