ماقالىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" مەلۇمكى، خىتاي - رۇسىيە ھەمكارلىقى داۋاملاشماقتا. رۇسىيەدىن نېفىت ۋە گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى خىتايغا يۆتكەش ئىشلىرى 2007 - يىلدىن باشلاپ يېڭى دەۋرىگە كىرگەن. رۇسىيەدىن خىتايغا يۆتكىلىدىغان بايلىق نېفىت بىلەن گازلا ئەمەس. رۇسىيە رەئىسى ۋىلادىمېر پۇتىن خىتاي - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ رۇسىيەدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەشكىلا قىسقىرىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىگە كېرەكلىك خام ئەشيالارمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى. 2001 - يىلىدىن 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلىمى 68 مىليونغا يەتكەن. خىتاي ۋە رۇسىيە مەسئۇللىرىنىڭ باياناتىغا كۆرە، 2010 - يىلىغا قەدەر 80 مىليارت دوللارغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە. خىتاي - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى بىلەن رۇسىيە زېمىنىدا قۇرۇلغان مۇئەسسەسە سانى 657گە يەتكەن. خىتاينىڭ رۇسىيەدىن ئالغان پايدىسى 320 مىليون دوللارغا يەتكەن."
رۇسىيە خىتايلارنىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىدىكى كېڭىيىشىدىن راھەتسىز
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:" رۇسىيە تەبىئىي گازنى سېتىش مەقسىتى بىلەن خىتايلارغا ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىدە، رۇسىيىنىڭ ياۋروپاغا چىقىرىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ يېرىمىنى خىتايغا بېرىدىغانلىقىنى ئىمزالىغان. لېكىن رۇسىيە تەرەپ خىتايلارنىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىدا كېڭىيىشىنى خالىمايدۇ ۋە بۇنىڭ خەتىرىدىن ھەمىشە ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، شەرقىي سىبىرىيە رايونلارنىڭ نوپۇس سانى يۈزدە 50 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ رايونلاردىكى ئىشلەپچىقىرىشمۇ تۆۋەنلىگەن. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خىتاي ئىشچىلىرى رۇسىيە - خىتاي ئىككى دۆلەت سودا كېلىشىملىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىغا ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. رۇسىيە بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولماقتا ۋە شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنىش، بايلىقلىرىنى ئۆزلىرى چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى پىلانلىرىنى لايىھەلىمەكتە."
نېمە ئۈچۈن خىتايلار شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىغا كېڭىيىدۇ؟
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: " خىتايلارنىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىغا كېڭىيىشى خۇددى ئۇلارنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كېڭەيگىنىگە ئوخشاش بايلىق ئىزدەش ۋە نېفىتكە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. مانا بۇ خىتاينىڭ تۇرماستىن باشقىلارنىڭ يېرىگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان ئالدىنقى ئامىل. خىتايلارنىڭ بۇ رايونلارغا كېڭىيىشىدىن رۇسىيىلىكلەر بىئاراملىق ھېس قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئافرىقىغا كېڭىيىشىدىن غەرب دۆلەتلىرى بىئارام بولماقتا. ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ ئەھۋال بىر خىلدۇر. چۈنكى خىتايلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە، خۇسۇسەن دۇبەيگە كېڭىيىشى، خىتاي بازارلىرىنىڭ بۇ جايلارغا تولۇپ كەتكەنلىكى ئەلۋەتتە رايون ئەھلىنى بىئارام قىلماقتا."
رۇسىيىنىڭ ئاسالىق بايلىقى سىبىرىيە رايونلىرىدىن چىقىدۇ
قاتارنىڭ " ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە، كۇۋېيتلىق ئىقتىسادشۇناس دوكتور ئىبراھىم بەدران خىتاينىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىدىكى كېڭىيىشى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" خىتايلارنى شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىغا ئېلىپ كەلگەن نەرسە تەبىئىي بايلىقتۇر. چۈنكى رۇسىيە تەبىئىي گېزىنىڭ يۈزدە 90 پىرسەنتى، نېفىت ۋە كۆمۈرنىڭ يۈزدە 70 پىرسەنتى شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىدىن چىقىدۇ. شۇنداقلا رۇسىيە نېفىتىنىڭ يۈزدە 14 پىرسەنتى بۇ رايونلاردىن چىقىدۇ. دېمەك، شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرى رۇسىيە ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ۋە ئىستراتېگىيىلىك رايونلاردۇر. رۇسىيە مۇنداق بىر رايوننىڭ بايلىقلىرىنى خىتايلارغا تۇتقۇزۇپ قويماسلىق ۋە ئۆزلىرى پايدىلىنىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ."