ھۆكۈمەت ھازىر يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 8 بالغا ئۆرلەتتى
ئىنتېرنېتتىكى ئەركىن مۇنازىرىلەردە، ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبۇرېن شەھىرىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 7.6 بالدىن 7.8 بالغا ئۆرلەتكەن ئىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق بۇ رايوندا ھۆكۈمەت ئىمارەتلىرى بىلەن خەلق تورالغۇلىرىغا سېلىنغان مەبلەغ سانى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال سۈپىتى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى ئوخشىمىغان ئەمەلىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتكە سۇئال قويغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ھازىر سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 8 بالغا ئۆرلەتتى. بۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 'جۇڭگودا سېلىنغان ئۆيلەر ئادەتتە 7.8 بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆلچەمدە سېلىنغان ئىدى' دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
"يەر تەۋرەش رەھىمسىز، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىنمۇ رەھىمسىز'
رادىئومىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرى لىندىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ميەنياڭ شەھىرىدىكى ئەنشەن، بېيچۇەن ناھىيىلىرىدە %70 خەلق ئۆيلىرى ۋەيران بولغان. ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق مۇخبىرلارنى كۆرگەن ھامان دەرھال كېلىپ يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.
70 ياشلاردىكى بىر بوۋاي مۇخبىرىمىزغا 'بىزنىڭ بۇ جاي ئاپەتكە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى. ئەمما بۇ جايدا يەر تەۋرەپ، ئۆيلەر يىقىلىپ، خەلق ئامالسىز قېلىپ 3 كۈن ئۆتكەندىمۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنىلا 'بۇ جاي ئاپەتكە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان جاي ئەمەس' دەپ خەلق بىلەن كارى بولمىدى. پارتىيە گېزىتلىرى "يەر تەۋرەش رەھىمسىز، ئەمما ئادەم رەھىمدىل' دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى، خەلق بۇنىڭغا "يەر تەۋرەش رەھىمسىز، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىنمۇ رەھىمسىز' دەپ جاۋاب بەردى. ئەگەر شۇ كۈنلەردە ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى سىرتقا چىققان بولسا، خەلقنىڭ غەزىپىنى كۆرەتتى' دېگەن.
لوجاڭ ناھىيىسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق نامايىش قىلدى
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ' گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان دېياڭ شەھىرىنىڭ لوجاڭ ناھىيىسىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم قىلىنغان يېمەكلىك قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل كېلىپ توختىغان ھامان، بەلگىسى يوق بىر ھەربىي پىكاپ كېلىپ يېمەكلىك قاچىلاشقا باشلىغان.
ئۇلار ئۆزىنى ناھىيىلىك قوراللىق بۆلۈم خادىملىرى دەپ تونۇشتۇرغاندا، خەلق ئۇلارغا نارازى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ساقچىلارنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا ئالىدىغاننى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. بۇ چاغدا قالايمىقانچىلىق چىقىپ، قالايمىقانچىلىق نامايىشقا ئايلانغان. خەلق ساقچى ماشىنىسىدىن بىرنى پاچاقلىغان. ساقچىلار قېچىپ ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىۋالغان.
خەلق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ئەمەلدارنى جازالاشنى ۋە تۆلەم بېرىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ۋۇ شۇەنسەن ئەپەندى سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە يىقىلغان مەكتەپ ۋە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە، ميەنياڭ شەھىرىدىكى خەنياڭ بالىلار باغچىسىدا 1700 كىچىك بالا كۆمۈلۈپ ئۆلگەن.
ۋۇدۇ مائارىپ مەركىزىدە كۆمۈلۈپ قالغان 700 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن ئاران 5 ى قۇتقۇزىۋېلىنغان. چۇەنبېي ئوتتۇرا مەكتەپتە 2000 ئوقۇغۇچىدىن 1000 ى كۆمۈلۈپ ئۆلگەن. شىفاڭ شەھىرىدە 447 ئوقۇغۇچى ئۆلگەن، 2673 ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
بۇ رايوندا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ھازىر، بۇ قېتىمقى ئاپەت پەقەت خەلققىلا كېلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا كەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتقا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ئەمەلدارنى جازالاشنى ۋە تۆلەم بېرىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.
"جۇڭگو بالىلىرى بولماڭلار"
بۈگۈن مەزكۇر ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان گۇ يۇەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ياش ئۆسمۈرلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار نامراتلىق باسقان يېزىلاردا، داۋالىنىش كاپالىتى يوق بەلكى ساختا - زەھەرلىك يېمەكلەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا چوڭ بولدى. تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە يەنە ئۆزلىرىگە باشتىن - ئاخىر ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ساق قېلىپ، ئۇلار كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن بىللە كۆمۈلۈپ ئۆلدى.
گۇ يۇەن ئەپەندى بۇ ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان 'قاراماي بالىلىرى بولماڭلار، ئوت كەتسە رەھبەرلەر قۇتقۇزىلىدۇ، سىلەر ئوتتا كۆيىسىلەر. خېنەن بالىلىرى بولماڭلار، ئەيدىز ۋىرۇسى قېنىڭلارنى بۇلغايدۇ. سىچۇەن بالىلىرى بولماڭلار، 'ئاق' چېكىدىغان ئاناڭلار يەتتە كېچە كەلمەيدۇ. سەنشى بالىلىرى بولماڭلار، ئاتا - ئاناڭلار سىلەرنى كۆمۈرگە ساتىدۇ. جۇڭگو بالىلىرى بولماڭلار، ئاپەتتە ئۆلىسىلەر ياكى ئاچ قالغانلار يەپ كېتىدۇ' دېگەن قوشاقلارنى تەكرارلاپ ئۆتتى.
بۈگۈن يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا يەنە 'تەبىئىي ئاپەت ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئەمما كوممۇنىست ئاپىتى ھەممە ۋاقىت كېلىپ تۇرىدۇ' سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور بېسىلدى.