سىچۈەننى يەر تەۋرەش ئەمەس، پارىخورلۇق يىقىتتى

سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى 4 ‏ - كۈنىگە قەدەم قويدى. ئارىدىن 72 سائەت ئۆتكەندە مەلۇم بولغان ئۆلگەنلەر سانى 19500، ئىز - دېرەكسىزلەرنىڭ سانى قېتىلغاندا، بۇ سان 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. خەلقارا قىزىل كىرست جەمئىيىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە، سىچۈەننىڭ بېيچىڭ ناھىيىسىدە 160 مىڭ دېھقان بولۇپ بۇلارنىڭ %80 سىنىڭ ئولتۇراق ئوي ۋەيران بولغان.

0:00 / 0:00

مەزكۇر جەمئىيەت بۇندىن كېيىن بىيچېڭ ناھىيىسىنى خەرىتىدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرى ئاپەتنىڭ 10 مىليون كىشىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ئاپەت زىيىنىدىكى سۈنئىي سەۋەبلەر

نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈش جەريانلىرى 50 مىڭ كىشىلىك بۇ زىياندا تەبئىي سەۋەبلەردىن باشقا سۈنئىي سەۋەبلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكى بايقالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەتلىك گېئوفىزىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىر تارمىقى بولغان تەبئىي ئاپەتلەرنى مۆلچەرلەش كومىتېتى، بۇ يىل 26 ‏ - ۋە 27 ‏ - ئاپرىل كۈنلىرى يەنى ئاپەت يۈز بېرىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن، ھۆكۈمەتكە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەن. مەلۇماتقا، ئاپەتنىڭ سىچۇەن، چىڭخەي ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىدا، بۇ يىل 5 ‏ - ئاي بىلەن كېلەر يىلى 4 ئاي ئارىلىقىدا 7 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا، سىچۈەننىڭ ئابى ۋىلايىتىدە 5 ‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنىدىن 10 كۈن ئىلگىرى - كېيىن 7 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئولىمپىك قىزغىنلىقى ۋە تىبەت مەسىلىسى بىلەن بولۇپ، بۇ مەلۇماتقا ئېتىۋار بەرمىگەن.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسى Ashley M. Howlett نىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ نۆۋەت سىچۈەندىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى دۈم كۈمتۈرگەن يەر تەۋرەش ئەمەس پارىخورلۇق. پارىخورلۇق سەۋەبىدىن، خىتايدىكى كۆپ سانلىق قۇرۇلۇشلار لاياقەتسىز ھالەتتە تۇرۇقلۇق سۈپەت تەكشۈرۈشتىن بىخەتەر ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھوۋلەت ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتايدىكى Janes Day - Greater China ناملىق قۇرۇلۇش شىركىتىنى ساھىبى، ئۇ خىتايدا قۇرۇلۇش لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش بىنا قىلىش ئىشلىرىغا بىۋاستە قاتناشقان، خوڭكوڭ، سىنگاپور، مالايشىيا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانغان مۇتەخەسسىس ئۇ يەنە خىتاينىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش قانۇنى ناملىق ئىنگلىزچە كىتابنىڭ ئاپتورى.

ياڭدالى: خىتاي ئۆزگەرتمىدى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلدى

بۇ قېتىمقى ئاپەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئىجابىي باھالاردىن بىرى، ئاپەتنى ئاخباراتقا ئوچۇق تۇتۇشىدۇر. ئاپەتتىن يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن CCTV سى نەق مەيداندىن ئۈزۈلدۈرمەي خەۋەر بەرمەكتە. زىيان ئەھۋالىنىمۇ ۋاقتى - ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇرغان. خىتاي 1976 ‏ - يىلى تاڭشەندە يەر تەۋرىگەندە، خەلقئرا ياردەمنى قوبۇل قىلمىغان. ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانىنى 3 يىلدىن كېيىن ئاشكارىلىغان.

بۇ تارىخىي ساۋاقلارنى نەزەردە تۇتقان كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پوزىتسىيىسىنى ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارىماقتا؛ ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى ئۆزگۈرۈش ئەمەس، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگۈرۈش دەپ قاراشماقتا؛ بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان سىنگاپور ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقى ئاسىيا تەتقىقاتچىسى ياڭ دالى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: " خىتايدا نۆۋەتتە قول تېلېفون ئومۇملاشتى، ئىنتېرنېت ئومۇملاشتى، ئاپەتنى سىر تۇتۇش بۈگۈن مۇمكىن ئەمەس. يوشۇرۇشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلگەچكە رايوننى ئاخباراتقا ئاچتى." ياڭ دالى خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئاپەتتىن خەۋەر بەرگەندە يەنىلا خەلق ئازاتلىق ئارمىيەنى مەدھىيىلەش، پارتىيە خىزمەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئەنئەنىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋيېتنام ئۇرۇشىدا 26 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، ئاپەتتە 50 ئادەم

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە،، خىتاي ئاپەت دەقىقىلىرىدىمۇ سىياسىي ئەندىشىلەردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. باش مىنىستىر ۋېن جيا باۋ ئاپەت رايونىدىكى سۆزدە بىر مىنۇت ۋاقىت بىر ئىنساننىڭ ھاياتىغا باراۋەر دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بۇگۈنكى سوزىدۇ، چەتئەل قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى قوبۇل قىلىشقا قارىتا مۇجىمەل پوزىتسىيە بىلدۈرگەن؛ ئۇ ئاۋۇسترالىيىلىك ۋە جەنۇبىي كورىيەلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى قوبۇل قىلىشنى يەنىلا ئويلۇشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چىڭ خۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى گۇ لىنشېڭ " كىشىلەرنىڭ سۇ ۋە ئوزۇقلۇقسىز 72 سائەت ياشىيالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاپەتتە دەسلەپكى ئۈچ كۈننىڭ ھەل قىلغۇچ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇزاكىرىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم ئاپەتتە تارتقان ئادەم چىقىمى، ئادەتتە دۆلەتلەرنىڭ بىرەر ئۇرۇش چىقىمىغا باراۋەردۇر. خىتاي ۋيېتنام ئۇرۇشىدا 26 ئادەم چىقىم تارتقان؛ بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئۇنىڭدىن 2 ھەسسە ئارتۇق ئادەم چىقىمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.