سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ياپونىيىنىڭ بەش ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات بەردى

ئوبزورچى ۋە سىياسىيون سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇ 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كانويا ئارىلىدىكى 5 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى.

0:00 / 0:00

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا ياپون ۋە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا خىتايدىن ياپونىيىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىپ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىدىن ھەرخىل سوئاللارنى سورىغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ياپونىيىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېپىق سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ۋە در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.