ياپونىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سىنكاكو ئارىلىنى قوغداش پائالىيىتىدە ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلدى

1-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ سىنكاكو ئارىلىنى قوغداپ قېلىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

ياپونىيىدە يېڭى ھۆكۈمەت ئېلان قىلىنغان كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رەسمىي تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ سۆز قىلغان. بۇ پائالىيەتكە ياپون پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەيتو سەيىجى ئەپەندى، ئوتو تاكاشى ئەپەندىلەر، توكيو شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن 4 كىشى ۋە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.