ھېلارىي كلىنتون: خىتاي ئەمدى سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىش سىياسىتىنى دۇنياغا ئېنىق جاكارلىشى كېرەك
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن ھونولۇلۇدا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سېيجى مايىخارا بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي ئەمدى سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىش سىياسىتىنى دۇنياغا ئېنىق جاكارلىشى كېرەك، دۇنيانىڭ سىرەك توپىغا بولغان ئېھتىياجى ھەم تىجارەت، ھەم ئىستراتېگىيە مەسىلىسى، خىتاي ئەمدى ياپونىيىگە، ئامېرىكىغا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى كوزۇرغا ئايلاندۇرۇۋالسا بولمايدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى.
سېيجى مايىخارا: خىتاينىڭ سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويغانلىقى دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرگە بېرىلگەن ئويغىنىش سىگنالى
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سېيجى مايىخارامۇ 'خىتاينىڭ سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويغانلىقى دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرگە بېرىلگەن ئويغىنىش سىگنالى' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىگە ھەر يىلى 32 مىڭ توننا سىرەك توپا كېرەك ئىدى، ھازىر 10 مىڭ توننا كام. خىتاي قەستەن كاملاتقان بۇ ساننى باشقا دۆلەتلەردىكى مەنبەلەردىن تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، دۇنيا ئەمدى خىتايدىن باشقا جايلاردا سىرەك توپا مەنبەلىرىنى ئېچىش كېرەك.
جۇ خۇڭرېن: جۇڭگو سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشتا سىرەك توپا ئېچىش بىلەن بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداشنى تەڭ يولغا قويىدۇ
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي سانائەت - ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جۇ خوڭرېن بۈگۈنكى باياناتىدا 'جۇڭگو سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى كوزۇرغا ئايلاندۇرۇۋالغىنى يوق. جۇڭگو پەقەت يەر شارىدا كام ئۇچرايدىغان سىرەك توپا مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداشنى تەڭ يولغا قويۇۋاتىدۇ دەپ جاكارلىدى.
خىتاينىڭ دۇنياغا سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى كوزۇرغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى خىتايدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە بايان قىلىنغان پاكىت
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۇنياغا سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى كوزۇرغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى، خىتايدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان 'سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشتا جۇڭگو ياق دېيەلەيدۇ' ، ' پۇل - مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى بېسىلماي تۇرۇپ، يەنە سىرەك توپا ئۇرۇشى باشلاندى' دېگەن ماقالىلەردە ئاللىقاچان ئېنىق بايان قىلىنىپ بولدى. بۇ ماقالىلەردە، خىتايدا ھازىرغا قەدەر ئېنىقلىنىپ بولغان سىرەك توپا زاپىسى پۈتۈن دۇنيادىكى سىرەك توپا زاپىسىنىڭ 55% نى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيانىڭ سىرەك توپىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ 97% نى خىتاي قامداۋاتىدۇ، پەقەت 2010 - يىلىغا كەلگەندىلا، خىتاي توساتتىنلا سىرەك توپا ئېكىسپورتىنى 40% كېمەيتتى، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى سىرەك توپىنى خىتايلار دۇنياغا ئەرزان سېتىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ
گۇگۇل ئارقىلىق سىرەك توپا بايلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزلەپ كۆرسىڭىز ، يەر شارىدا كام ئۇچرايدىغان سىرەك توپا مېنېراللىرى دۇنيانىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا بار ئىكەنلىكى، سىرەك توپا مېنېراللىرى دەل كامپۇتېر، يانفون، ت ۋ ئىكرانى، ئاپتوموبىلنىڭ ئېلېكترونلۇق چاتمىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالەم بوشلۇقىدا قوللىنىدىغان باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنى ئىشلەشتىمۇ كام بولسا بولمايدىغان ماتېرىيال ئىكەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.
ئۈرۈمچىدىكى ئىنتېرنېت بەتلىرىدە، يەر شارىدا كام ئۇچرايدىغان سىرەك توپا مېنېراللىرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كۆپ ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرىدىغان ئۇچۇرلار تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدا يەنە، خىتايلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئېچىۋالغان ھەرخىل چوڭ - كېچىك شىركەتلەرنىڭ نامى، ئادرىسى، تېلېفون نۇمۇرلىرى، ھەتتا 'سىرەك تۇپىنى دۇنياغا ئەڭ ئەرزان ساتىمىز' دەپ چىقارغان ئېلانلىرىمۇ بار.
باي ناھىيسىنىڭ شىمال تەرىپىدە 80 مىڭ توننا نىئوبيۇم زاپىسى بار، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا 130 مىليارد يۇەن پۇلغا يارايدۇ
بۇ جەھەتتىكى بىر ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي گىئولوگىيە ئاكادېمىيىسى كان بايلىقلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ خەيمىڭ، باي ناھىيسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تاغ قاپتاللىرىدا، يەر شارىدا كام ئۇچرايدىغان مەدەنلەردىن 80 مىڭ توننا نىئوبيۇم زاپىسى بار، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا 130 مىليارد يۇەن پۇلغا يارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 100 مىڭ توننا تانتالۇم زاپىسى بار. بۇ سىرەك توپىلارنى ئېچىش ئىنتايىن ئاسان ھەم ئەرزان دېگەن. يەنە بىر ئۇچۇردا، قۇمۇلدىكى ۋە لوپنۇر چوللىرىدىكى سىرەك توپا بايلىقلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
جاڭ ئەپەندى داۋانچىڭدىكى سىرەك توپا زاۋۇتى بىلەن يىلدا 2 مىليۇن يۇەن پۇل تاپقان
ئۈرۈمچىدىكى 'شەرق بايلىقى' دېگەن ئىنتېرنېت تورىدا، جاڭ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ سىرەك توپا زاۋۇتى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر - زېمىن سودىسى قىلىۋاتقان بۇ خىتاي، بەش يىللىق كان ئېچىش رۇخسىتى ئېلىپ، داۋانچىڭدىكى كۆلىمى 0.21 كۋادىراد كىلومېتېر كېلىدىغان بىر دۆڭدىن قازغان سىرەك توپىنى ئېكسپورت قىلىشقا تەييارلايدىغان بىر زاۋۇت قۇرغان.
بۇ ئۈستى ئوچۇق كان قاتناش يولىنىڭ بۇيىدا بولغاچقا، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرقى ئىنتايىن ئەزران توختىغان. دەسلەپقى بەش يىل ئىچىدە، يىلدا 2 مىليۇن يۇەندىن نەق كىرىم بولۇپ تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، يىللىق كىرىمىنى 60 مىليون يۇەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېنىشكىسىنى يېڭىلاپ، ئىچكىرىدىن يەنە زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.