سۈرىيىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدا بىرلەشتى

ئىستانبۇلدا سۈرىيىنىڭ پۈتكۈل ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى توپلىشىپ، سۈرىيىنىڭ 26 ئوخشىمىغان مۇخالىپ گۇرۇپپىسى ئاخىرى بىرلەشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم ھەرىكەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار ئالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرىيىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدا توپلىشىپ يىغىن ئاچتى. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
سۈرىيىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدا توپلىشىپ يىغىن ئاچتى. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-، 28-كۈنلىرى، سۈرىيە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ لىدېرلىرى ئىستانبۇلنىڭ پەندىك رايونىغا جايلاشقان «يېشىل باغچە» ناملىق مېھمانخانىدا ئىككى كۈن يىغىن ئېچىش نەتىجىسىدە يەنە «سۈرىيە مىللىي كېڭەش ھەيئىتى» نام ئاستىغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىغىنغا 400 دىن ئارتۇق سۈرىيە ئۆكتىچىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر قاتناشتى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۆكتىچىلەر «سۈرىيە مىللىي كېڭەش ھەيئىتى» نى خەلقئارادا سۈرىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن بىر ئورگان دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى. يىغىن ئاخىرىدا «سۈرىيە مىللىي كېڭەش ھەيئىتى» نىڭ باياناتچىسى جورىج سابرا، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ: «ئەركىنلىكىمىزنى، ئىززەت-ئابرويىمىزنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ۋە بىرلىك ئىچىدە كۈرەشنى داۋام قىلدۇرۇش مەقسىتىدە كېلىشىم تۈزدۇق» دېدى. جورىج سابرا سۆزىدە يەنە سۈرىيىنىڭ پۈتكۈل مۇخالىپ گۇرۇپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك بىر يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈرىيىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدا ئاچقان يىغىنغا 400 دىن ئارتۇق سۈرىيە ئۆكتىچىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر قاتناشتى.. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
سۈرىيىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدا ئاچقان يىغىنغا 400 دىن ئارتۇق سۈرىيە ئۆكتىچىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر قاتناشتى.. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە. RFA/Arslan

سابرا مۇنداق دېدى:
«كېلەچەكتىكى سۈرىيىنىڭ مىللىي شەرتنامىسى، دۆلەت شەرتنامىسى ئۈستىدە كېلىشىم تۈزۈلدى. يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان سۈرىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. مۇستەقىل، ھۆر بىر دۆلەت، خەلقنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان كېرەكلىك ۋاسىتە ۋە تايانچقا ئىگە بىر دۆلەت بولىدۇ.»

سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن قۇرۇلماقچى بولغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن سابرا ئەپەندى، ئۆزلىرىگە قېتىلىشقا ئىككىلىنىپ قالغان مۇخالىپەتتىكى گۇرۇپپىلارغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابرا ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«ھەر قانداق بىر ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ياكى ئۆز-ئارا خەلق ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈش بولمايدۇ. مەيلى دىنىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مىللىي جەھەتتىن بولسۇن، تۈركمەن، ئەرەب، كۇرت ۋە پۈتكۈل مىللەتلەر سۈرىيە خەلقىدىن تەركىب تاپقان ئاساسى ئامىللاردۇر. ھەممىسى ئوخشاش ھوقۇق ۋە ۋەزىپىلەرگە ئىگە.»

باياناتچى جورج سابرا سۆزىدە يەنە سۈرىيىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«سۈرىيىدە زۇلۇم ۋە قان تۆكۈلۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ، مىڭلىغان خەلق ئاممىسى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. يۇرتى تەرك ئەتتى. باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ كۈرەشلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ كۈرەشلەر ئەركىن ئىرادە بىلەن ئەمەلىيلەشتى. سۈرىيە خەلقى 40 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمىنى توختات دېيىشنى خالايدۇ. سۈرىيە ئىنقىلابچىلىرى، ئاڭ ۋە چۈشەنچە بىرلىكى ئىچىدە جاسارەتلىرىنى ۋە كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا سۈرىيە كۇرتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەلەپلىرى قوبۇل قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆكتىچىلەر، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كوفى ئاننان پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، «ۋاقىتنى ئۇزارتىپ پۇرسەت كۈتۈش» دەپ باھا بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن سۈرىيىنىڭ دوستلىرى ناملىق بىر يىغىن ئىستانبۇلدا ئېچىلماقچى بولۇپ، بۇ يىغىنغا رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق 137 دۆلەت تەكلىپ قىلىنغان.

تۈركىيە «زامان» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالېكساندېر لۇكاشېۋىچ، ئىستانبۇلدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا رۇسىيىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، ئەمما بۇ يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تۈركىيىدە چىقىدىغان «رادىكال» گېزىتىنىڭ 26-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لې «سۈرىيىنىڭ دوستلىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا خىتاينىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «سۈرىيىنىڭ دوستلىرى» ناملىق يىغىننىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئۆتكەن ئاي تۇنىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت