يادرو قورال بىخەتەرلىكى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى ئازلىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ ئالىي ئۇچرىشىشنىڭ ساھىپخانى بولغان جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لييمۇنباك بۇ يىغىننى، نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 80% ئىنى، خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن دۇنيا ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 90% ئىنى تەشكىل قىلىدىغان 53 دۆلەت قاتناشقان، ب د ت، ياۋروپا بىرلىكى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىمۇ ۋەكىل ئەۋەتكەن، ھەر جەھەتتىن تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ ئالىي ئۇچرىشىش بولدى دەپ جاكارلىغان. شىمالىي كورىيىنىڭ كېلەر ئايدا يىراق مۇساپىلىك راكېتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا كۆزەتكۈچى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەييارلىقىنى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقسىمان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى دەپ ئەيىبلىگەن.
ب د ت باش كاتىپى بانكىمۇن بۇ يىغىندا، يەرشارىلاشتۇرۇلۇش يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە، يادرو قورال تېررورچىلىقى ناھايىتى تېز تارقىلىۋاتىدۇ، يادرو تېررورچىلىقى ۋە يادرو ھادىسىلىرىنىڭ چېگراسى يوق، بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان جەنۇبىي كورىيە پۈتۈن يەر شارىنىڭ يادرو تېررورچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش پائالىيىتىگە پائال تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ، ئەگەر يېمەك ئېھتىياجى قاندۇرۇلسا، يادرو قوراللىرىنى ئىشلەشتىن ۋاز كېچىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا قاتناشمىغان شىمالىي كورىيە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورال پىلانى مۇزاكىرە قىلىنماسلىقى كېرەك دەپ جاكارلىغان.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر سىئۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو قورال بىخەتەرلىكى ئالىي ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر ئاساسى رول ئويناۋاتىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورىيىنى يىللاردىن خەلقىنى ئاچارچىلىقتا قالدۇرۇپ ئاتوم قوراللىرى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا شىمالىي كورىيە خەلقىنى يېمەك ۋە قۇۋۋەت ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمدى ئەگەر شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ئايدا يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ دۇنيانىڭ يېمەك ياردىمىگە ئېرىشىشى قېيىن بولۇپلا قالماي، بەلكى كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش سۆھبىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىمالىي كورىيە دۇنيادا ئۈزۈل-كېسىل يېتىم قالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدېۋىدىف بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى كېمەيتىشكە كېلىشكەن. ئۇ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورىيىنىڭ يىراق مۇساپىلىك راكېتا سىنىقىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا پۈتۈشكەن.
خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە كەلگەن ھامان ئالدى بىلەن ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىيىدىن خالى رايوننى كۆزدىن كۆچۈردى، كورىيىنىڭ بىر-بىرىگە قارشى تۇرىدىغان ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كېتىشى بىر تارىخى ۋەقە، بۇ ۋەقەنى خىتاي بىلەن رۇسىيە پەيدا قىلدى، ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيە ھازىر يەنە شەرقىي ئاسىيادا تەسىرى چوڭ سىياسىي كۈچكە ئايلىنىپ قالدى، ئوباما دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، بەلكى ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىگە ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ سابىق باشلىقى كىميوڭئېل ئۆلگەنلىكىنىڭ 100 كۈنلۈكىگە توغرا كەلگەن بىر كۈندە 38-پاراللېلغا دەسسەپ شىمالىي كورىيىنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى دەپ بايان قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يەكشەنبە كۈنى ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىيىدىن خالى رايوننى كۆزدىن كۆچۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى» دېگەن گېزىتمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ باستى. بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھازىر ئىككى كورىيە مەسىلىسىنى تەيۋەن، تىبەت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى بىلەن بىللە ھەل قىلىنىدىغان بىر يۈرۈش مەسىلە دەپ قارايدۇ.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئوباما تۈنۈگۈن زىيارەت قىلغان 38-پاراللېلدىكى ھەربىدىن خالى رايون، كورىيىچە «پانمونجون» دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللە. شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ۋەكىللىرى 1953-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى دەل مۇشۇ مەھەللىدىكى شۇ ناملىق تاماكا دۇكىنىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ مەھەللە شىمالىي كورىيىنىڭ پىنيوڭ شەھىرىدىن 215 كىلومېتىر يىراقلىقتا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ سىئۇل شەھىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئەينى ۋاقىتتا ئىمزالانغان بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، چېخ ۋە پولشا قاتارلىق تۆت دۆلەت نازارەت قىلىدۇ. يىللاردىن بۇيان ساياھەت رايونى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھەربىدىن خالى رايوندا تەنھەرىكەتچىلەر كىيىمى، پادىچى كىيىمى، كالتە يوپكا، كالتە ئىشتان كىيىش ۋە ئەر، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشى چەكلەنگەن. يىللاردىن بۇيان ب د ت ساقچىلىرى پوستتا تۇرىدىغان بۇ جاي 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.