سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ،11 يىللىق ھاياتىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن نۇرمەمەت مۆمىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشىغان. نۇرمەمەت مۆمىن تۇرۇشلۇق يېزىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللاردا نۇرمەمەت مۆمىن ئائىلىسى ناھىيىدىكى نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. نۇرمەمەت مۆمىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ، دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ شۇ ناھىيىدىكى تارماق ئىشخانىسى، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى ساقچىخانا مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، نۇرمەمەت مۆمىننىڭ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىپ كەلگەن.
نۇرمەمەت مۆمىننىڭ ئىنىسى ئابلەت مۆمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرمەمەت مۆمىن 1970-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، «ئەكسىيەتچىل نەزەرىيە تارقاتقان، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەن» دېگەنگە ئوخشاش سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 3 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، جەمئىي 11 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان. بۇ يىللاردا نۇرمەمەت مۆمىن ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتكە قايىل بولماي كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەرزى دائىرىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان. شۇنداقلا بۇ ئائىلە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇرغان.
ئابلەت مۆمىن ئۆز بايانىدا يەنە ئۆزىنىڭمۇ 1997-يىلى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، گەرچە ئاكىسى نۇرمەمەتكە ئوخشاش قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئۆز يېزىسىغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا داۋاملىق نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرمەمەت مۆمىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردىكى رېجىم ئاستىدىكى ھاياتىنى بايان قىلدى.
نۇرمەمەت مۆمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ساقچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ھەتتا توي-تۆكۈن، نەزىر -چىراغ قاتارلىق تۇغقانلار ئارىسىدىكى يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىنى ئېلىشى بەلگىلەنگەن ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا نۇرمەمەت مۆمىنگە ئوخشاش خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى توشۇپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالىق قانۇنى ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش خىتايدا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرگە قارىتىلغان ئومۇمى ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن.
دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ماتېرىيال تەييارلاۋاتقانلىقىنى ھەم بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى سۈپىتىدە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.