ئەدىبلەرنىڭ سىياسەتچى بولۇۋېلىشى ۋە ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئەدىبلەرنىڭ سىياسىغا ئارىلىشىشى ھەمدە ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدىكى ئەللەردە كۆپ كۆرىلىدىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر.

0:00 / 0:00


سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، بولۇپمۇ ستالىننىڭ كوممۇنىزىملاشتۇرۇش سىياسىتى ئەۋج ئالغان 1930 - يىللاردا «سوتسىيالىستىك رېئالىزم» شۇئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن سوۋېت ئەدەبىياتى كەڭ كۆلەمدە سىياسىيلاشتۇرۇلدى. ماكسىم گوركىي «پرولېتارىيات يازغۇچىسى» دېگەن نام بىلەن سىياسىينىڭ كوزىرىغا ئايلاندۇرۇلدى. «تىنچ دون» رومانى ئۈچۈن چىدىغۇسىز بېسىمغا دۇچ كەلگەن شولوخوف ھەتتا «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى رەت قىلىشقا ھەمدە «كاپىتالىزم دۇنياسى» دىن بېرىلگەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە رادىئو نۇتقى سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى. «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى يەنە بىر ساھىبى پاستېرناكمۇ شولوخوفقا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن ئەندىزە ئالغان خىتايدا ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلاندى. ماۋ زېدۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا بىر پارچە ئاددىي ھېكايىسى تۈپەيلى بېيجىڭدىن ھەيدىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە چۈشۈرۈلگەن يازغۇچى ۋاڭ مېڭ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە شىخەنزىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئەي ۋېيۋېينىڭ دادىسى مەشھۇر شائىر ئەي چىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

گەرچە 1980 - يىللاردىن كېيىن خىتاينىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى سىياسىنىڭ كونتروللۇقىدىن مەلۇم دەرىجىدە بوشىتىلغان، يازغۇچى، شائىرلارغا مۇئەييەن ئىجادىيەت ئەركىنلىكى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش خىتاينىڭ سەزگۈر چېگرا رايونلىرىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىگە بولغان سىياسىي سېنزور بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى. يازغۇچىلارنىڭ سىياسەتكە ئاكتىپلىق بىلەن ئارىلىشىشى ھەمدە ئۆز ئەسەرلىرىدە كومپارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى تەكىتلەندى. ھەتتا كلاسسىك ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىمۇ بۈگۈنكى «سىياسىي ئۆلچەم» بىلەن ئۆلچەندى.

خىتايدا ئوقۇرمىنى ئەڭ كۆپ بولغان گېزىتلەردىن بىرى «جەنۇب ھەپتىلىكى» نىڭ 2008 - يىللىق 10 - ئاپرېل سانىدا نامى چىققان يازغۇچى جۇ تاۋنىڭ «تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان تەكلىپى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەر شۇئان خىتايدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدە، تور بېكەتلىرىدە ھەم چەتئەللەرىكى داڭلىق گېزىتلەردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلىدۇ ھەمدە بىر مەھەل «قىزىق نۇقتا» تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. 1969 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ قەشقەردە ئۇزاق مەزگىل كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى ئىشلىگەن، ھازىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان جۇ تاۋ نېمە ۋەجىدىن نامى چىقىشقا باشلىغان بىر يازغۇچىلىق ئورنىدىن بىردىنلا خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدە چاقنىغان سىياسىي چولپانغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟

جۇ تاۋ يەنە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ زىيارىتىنى ئارقا - ئارقىدىن قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي كېڭەشكە يوللىغان سىياسىي تەكلىپلىرىنى ئىزاھلايدۇ: «ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا جايلاشقان خاتىرە سارىيىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىغا يۆتكەپ قايتا دەپنە قىلىش كېرەك. ماۋ زېدۇڭنىڭ قەبرىسى چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا كىممۇ شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ قوينىدىن بۆلۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە داھىيلارنىڭ، سىياسىي ئەربابلارنىڭ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭ، كىنو، تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ھەمدە لېي فېڭ تىپىدىكى ئۈلگىلىك كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى تەكلىماكانغا يۆتكەپ، شىنجاڭدىكى ھالاكەت دېڭىزىنى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت قەبرىستانلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك». جۇ تاۋ يەنە سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ يوقىرىقى تەكلىپىنى سۇنۇشىنى سىياسەتكە قاتنىشىشىم ئۈچۈندۇر دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ «مېنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىشىم قانونلۇق. بۇ ئۆزۇمنىڭ ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنى تېخىمۇ تونۇتۇش ئۈچۈندۇر» دەيدۇ.

جۇ تاۋنىڭ «ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يۆتكەپ چېگرا رايوندا مەدەنىيەت قەبرىستانلىقى» بەرپا قىلىش ھەققىدىكى سىياسىي تەكلىپلىرى ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق سەنئەتكارلار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ۋېيۋېي قاتارلىقلار گەرچە قورسىقىدا ئانچە - مۇنچە ئۇمىچى بار، نەزەر دائىرىسى كەڭ كىشىلەر قاتارىدا سانالسىمۇ، لېكىن ئۇلار روھىي ھالىتى ساغلام بولمىغان بىنورمال ئادەملەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچى تار، تالىپ مىجەز، غەيرى تەپەككۇرلۇق چۈپرەندىلەردۇر».

جۇ تاۋنىڭ بىردىنلا ئادەتتىكى يازغۇچىدىن خىتاي ئاخبارات ساھەسىدە چاقنىغان «چولپان» غا ئايلىنىشى ھەتتا ئەي ۋېيۋېيدەك ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان خىتاي سەرخىللىرىگە ھۇجۇم قىلىشى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا. جۇ تاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلىشى ھەمدە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇشتەك ئالاھىدە ئارقا كۆرىنىشى ئۇنى بىر سەنئەتكاردىن سىياسىي چولپانغا ئايلاندۇرغانمۇ قانداق؟ جۇ تاۋ 2000 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن شېئىرىي توپلام - «قەشقەردىكى يەر شارى» غا كىرىش سۆز يازغانىدى. جۇ تاۋنىڭ نامى بىلەن بۇ توپلامغا يېزىلغان باھادا مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: «ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا «ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلەش ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە كەملىك قىلىدۇ». «شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇ توپلامدىكى ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى بەدئىي سەۋىيە جەھەتتىن دۆلەت ئىچىدىكى خەنزۇچە يېڭى شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ». «بۇ شېئىرلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ مول ئىچكى دۇنياسىنى كۆرەلەيمىز. ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى، قايغۇ - ھەسرىتىنى ئاڭلىيالايمىز... بىر مىللەتنىڭ تىلىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇرلاپ كىرگىلى بولمايدۇ، قەلبىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش بولمىسا، بىر مىللەتنى مەڭگۈ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس».

ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى، مىللىي ھېسسىياتىنى چۈشىنىش ھەققىدە بىرمۇنچە گەپ ساتقان جۇ تاۋ ئەمدى قانداقلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى كۆمۈلگەن تەكلىماكان قۇملۇقىنى خىتاينىڭ «ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت قەبرىستانلىقى» غا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇپ قالدى؟ ئۇنىڭ سەنئەتكارلارنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن جۇ تاۋدەك نامى چىققان بىر يازغۇچى «5 - ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن سەل ئاۋۋالقى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ سىياسىي تەكلىپنى سۇنىدۇ؟ بۈگۈنكى خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي سەنئەتكارلىرىنىڭ «سىياسەتچى» بولۇشقا ئالدىرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟