خەلقئارا ئۆلچەمدە ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ گۇناھكار ياكى ئەمەسلىكىنى سىياسەتچىلەر بەلگىلىيەلمەيدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، رويترس ئاگېنتلىقى، مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارادىكى چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە 'بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىلىرى' دەپ ئاتىغان 200 كىشىنى سوتلاشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى ھازىر 'بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىلىرى' دەپ ئاتىغان 200 كىشىنى سوتلاشقا باشلىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەتراپىدا ۋەھىمىيلىك تۈس پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، گەرچە بەشىنچى ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھەرچىسىدە ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا پۇزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن تىنچ نامايىشنىڭ كۆرۈنۈشىنى پۈتۈن دۇنيا ئېنىق كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىش ئۆتكۈزگەن بۇ ئۇيغۇرلارنى 'ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى ئۆتكۈزدى' دەپ قارىلاپ باستۇرغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سوتلاش يەنە تامامەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش سىياسى تۆھمەتلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقتا.

خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا 'بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىلىرى'دىن 83 كىشى قولغا ئېلىندى، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئۈرۈمچىدە رەسمىي ئەيىبلەپ سوتلاشقا باشلىغان ئادەم سانى 200 دىن ئارتۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوتچىلىرى بۇ 'جىنايەتچىلەر'نى سوتلاش ئۈچۈن 3مىڭ 300 پارچىدىن ئارتۇق دەلىل ‏ - ئىسپات (قانغا بويالغان كالتەك، خىش پارچىلىرى) ۋە 2 مىڭ 150 پارچىدىن ئارتۇق فوتو رەسىم، 90 نەچچە ۋىدىئو فىلىم توپلاپ بولغان.

ھازىر ھەر قانداق بىر ئەقلى - ھۇشى جايىدا ئادەم، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇنداق سوتنىڭ ئادىل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ

ۋاشىنگتوندىكى كرىشتاين ياڭ ئادۋوكات شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان سوتلاشنىڭ جەريانلىرى خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ ھېچبىر يېرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. خىتايدا سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىنىمۇ، ئاقلىغۇچىلىرىنىمۇ ھەممىسىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىگەن، ئۇلار سىياسىيدىن خالى ئەمەس، خەلقئارا ئۆلچەمدە، تۇتۇلغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ گۇناھكار ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىچىكىنى سىياسەتچىلەر بەلگىلىيەلمەيدۇ.

ھازىر ھەر قانداق بىر ئەقلى - ھۇشى جايىدا ئادەم، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇنداق سوتنىڭ ئادىل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

خىتاي ھازىر ھەق بىلەن ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، خەلقمىزگە قارىتا مىللىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ

گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخانمۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارنىڭ 30% ى تاقىلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدىكى 3 مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ ئىچىدىكى ئاران 270 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ 27% ىدىن ھازىر ئادەم چىقمايۋاتىدۇ. بۇلار خىتاي تۈرمىلىرىدە قېيىن - قىستاققا ئېلىنىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەييارلىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىم 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى سوتلاش ئۈچۈن 'دەلىل'توپلاپ دېلو تۇرغۇزۇپ بولغان. گەرچە خىتاي ھازىر ئۆزىنى دۇنياغا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتايدا خەلقنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ھېچقانداق كاپالەت يوق. خىتاي بولسا ھازىر خەلقىمىزگە قارىتا ھەق بىلەن ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ مىللىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەر خەلقنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.