بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا. گەرچە، بۇ ھەرىكەتلەر، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، بولۇپمۇ بىر قىسىم شوئارلىرى، ئەسلى غايىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ياردەم دولقۇنلىرى ئارىسىدا، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان نۇقتىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا بېرىلىۋاتقان ياردەمدۇر. بولۇپمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا سوتچىلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ۋە ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردۇر.
جياڭسۇ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭسۇنىڭ جۈنئەن سوت مەھكىمىسىمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دولقۇنىغا قېتىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈنئەن سوت مەھكىمىسى 2011 -يىلىدىن 2012 -يىلىغىچە سىياسىي ئىرادىسى قەتئىي بولغان سوتچىلارنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەدلىيە سېپىگە ياردەمگە ئەۋەتمەكچى. خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى قانداق بىر زۆرۈرىيەتكە ئاساسەن ياكى قانداق بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ سوتچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. پەقەت ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا، يەرلىك سوتچىلارنى تەربىيىلەيدىغانلىقى، يېتەكلەيدىغانلىقى، مۇھىم دېلولارنى تەڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىرلىكتە قارار چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا سوتچى ئەۋەتىش دولقۇنىنىڭ، كېلىپ چىقىش زۆرۈرىيىتىگە دىققەت قىلماقتا.
ئاڭلىغىنىڭلار، نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا سوتچى ئەۋەتىش ئۇيغۇر رايونىدا بېسىلىپ ياتقان دېلولارنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، 5 -ئىيۇل دېلولىرى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇرەككەپكى، ئەگەر دېلولار تىز بىر تەرەپ قىلىنمىسا، 5 -ئىيۇلدا ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان كۈتۈرۈشى مۇمكىن؛ ئەگەر دېلولارنى ھەددىدىن زىيادە تىز ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىۋەتسە، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى نارازى بولۇپ ۋەقە تۇغدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، خىتاي دائىرىلىرى ھەم خىتاي پۇقرالىرىنى رازى قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، قايتا ۋەقە تۇغدۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىنى تۇتماقتا.
بۇ يىل 3 -ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بېيجىڭدا، 5 -ئىيۇل دېلولىرى ھەققىدە توختىلىپ، شۇ كۈنگە قەدەر، 97 دېلوغا چېتىشلىق 198 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما تېخى دېلولارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ شۇ كۈنگە قەدەر قانچە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن. بۇ ئەھۋال رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلار ئارىسىدا ھەيرانلىق پەيدا قىلىش بىلەن بىللە، 5 -ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ جىددىي ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 5 -ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر تۈركۈم ھەربىي قىسىملىرىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەن بولسا، ۋەقەدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ۋە تۇتقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر تۈركۈم سوتچىلارنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەن. جەمئىيەتتە تارقالغان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يېڭىدىن كەلگەن ئەسكەر ۋە سوتچىلار بىلەن، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇزۇندىن بېرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەر ۋە سوتچىلار ئارىسىدا بىر قىسىم ئىختىلاپلار تۇغۇلغان؛ بۇ ئىختىلاپ ئاساسلىقى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قاتتىقلىق دەرىجىسى ئۈستىدە بولغان ؛ كونىلىرى يېڭىلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق قول ۋە رەھىمسىز بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بەختىيار ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ.
شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 6 -ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەدلىيە خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان، يىغىندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن سوتچىلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى سوتچىلارغا ماسلىشىشقا چاقىرغان؛ ۋە شۇ قېتىمقى يىغىندا " ئىچكىرىدىن كەلگەن سوتچىلار، شىنجاڭدىكى سوتچىلار نېمىگە ئالدىرىسا، شۇنىڭغا ئالدىراش، نېمىگە جىددىي قارىسا، شۇنىڭغا جىددىي قاراش شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي سوتچىلارنىڭ كونىلىرى بىلەن يېڭىلىرى ئارىسىدا دېلونى تىز بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە ۋە قانۇنىي تەرتىپى ھەققىدىمۇ پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلغانلىقى، كونىلىرىنىڭ دېلونى تىز بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
جياڭسۇ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە، گەرچە ئۇيغۇر رايونىغا ياردەمگە كېلىدىغان سوتچىلارنىڭ 2011 -يىل بىر يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرنىڭ يەنە بەزى مەزمۇنلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى مەلۇم. چۈنكى، خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياردەمگە بارىدىغان سوتچىلارغا ھەر يىلدا بىر ئەمەلىي ئىش قىلىش، ھەر يىلدا بىر كۆرۈنەرلىك مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە 3 يىلدا ياخشى نەتىجە يارىتىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جياڭسۇدىن سىياسىي ئىرادىسى قەتئىي بولغان سوتچىلارنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش پىلانى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدلىيە سىستېمىدا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە، دېلولارنىڭ يەنىلا سىياسىي قارار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە قارارلارنىڭ خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدە 8 يىل ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان بەختىيار ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن سوتچىلار بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر رايونىغا ماكانلىشىپ بولغان خىتاي سوتچىلىرى بولسۇن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئادالەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قانۇن ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بارلىققا كەلگەندىلا ئادالەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00