مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قانۇن تۈزمىسە، قانۇن ئىجرا قىلمىسا، قانۇنىنىمۇ تونۇمامدۇ؟

خىتاي ئەمەلدارلىرى قانۇن تىكلەيدىغان ئورگانمۇ ئەمەس، قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورگانمۇ ئەمەس دەپ جاكارلىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھازىر بېيجىڭدا چوڭ يىغىن ئېچىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بۇ قېتىم سىياسىي كېڭەش چوڭ يىغىنىدا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن بۇ چوڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلايدىغان ئاخبارات يىغىنىدا، خىتايدا چوڭ زىيالىي دەپ تەسۋىرلىنىدىغان چوڭ ئەمەلدار جاۋ چىجېڭ مۇخبىرلارغا «سىياسىي كېڭەش قانۇن تۈزىدىغان ئورگانمۇ ئەمەس، قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورگانمۇ ئەمەس» دېگەندە، مۇخبىرلار، بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرى ئىچىدە، ئۇنداق بولسا ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ، دەپ غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ چوڭ يىغىنغا كەلگەن چوڭ ۋەكىللەر، كۆزى خەلق ئىچىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى كۆرمەيدىغان كىشىلەرمۇ؟ نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى شۇ قەدەر چوڭلاپ كەتكەننى، ئۆي باھاسى غەلىتە ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىپ كەتكەننىمۇ سەزمەمدۇ؟ دېگەن سوئاللار چىققان.

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە ياسىمەن ئىنقىلابى قوزغالغاندىن كېيىنلا، خىتاي ھەربىي قىسىملارنىڭ ۋە ئىشچىلارنىڭ مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن ئىدى. ھەربىيلەرنىڭ مائاشىنى ئاز دېگەندە قىرىق پىرسەنت ئۆستۈردى. ئوفىتسېرلارغا قارىغاندا، ئەسكەرلەرنىڭ مائاشىنى ئەڭ كۆپ ئۆستۈردى. يەر ئىگىلەپ چېگرا قوغدايدىغان بىڭتۇەن ئەمەلدار،ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىنى 22 مىڭ يۈەن دەپ بېكىتتى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شېنجېن شەھىرىدە ئادەم بايلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ بولدى. ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ئىش ھەققى 1 مىڭ 320 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتى دېگەن خەلقئارالىق تەشكىلات بۈگۈن خىتاينى، ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش دېگەن نام بىلەن مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە كاشىلا قىلدى دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۈگۈن ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساخى شىنبۇن» گېزىتىدە، خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلار ۋە خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن باشلانغان ھامان، خىتاينىڭ ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ ئاراللىرىغا يېقىنلاشقانلىقى، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ھامان، دەرھال قايتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى رەسىملىك خەۋەر چوڭ سەھىپە ئىگىلىدى.

ئۇنىڭدا، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى، خۇددى بېيجىڭدىكى ئاخبارات يىغىنىدا جاكارلىغاندەك، قانۇن تۈزىدىغان ئورگانمۇ ئەمەس، قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورگانمۇ ئەمەس بولسا، سوراپ باقايلى، ئۇ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىمۇ بىلمەيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلمايدىغان ئورگانمۇ دەپ سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، يېزىدىن بېيجىڭغا كەلگەن 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئىشلەمچى بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرىغا، يەكشەنبە كۈنى ساقچىلار كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ياسىمەن گۈلىنى تارتىۋېلىپ، يەرگە تاشلاپ دەسسىگەنلىكىنى، خەلقنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى، تۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ، ھازىر ياسىمەن ئىنقىلابى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئەگەر ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالىغان بولسام، مەنمۇ ياسىمەن ئىنقىلابىغا قاتنىشاتتىم، ھازىر خەلقتە، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن توپلىنىش، نامايىش قىلىش ھوقۇقى تۈگۈل، ھەتتا كوچىدا مېڭىش ھوقۇقىمۇ قالمايۋاتىدۇ، ھازىر يىغىن ئېچىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خەلقتە ھوقۇق بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ھەرگىز كۆزى كۆرمەيدىغان ئادەملەر، دېگەن.