خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەنقىدلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئېغىر كەمسىتىلىش ھەم يەكلىنىشكە ئۇچراپ، تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەرداننىڭ دادىسى سېيىتاخۇن ئاكا ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەردان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلە شۇ يېزىدىكى «نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بارلىق ئىش ھەرىكەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
سېيىتاخۇن ئاكىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2009-يىلى 3-ئايدا ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى مەرداننى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىن، مەرداننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بارلىق ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، مەخسۇس ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، مەردانغا ئەسلى بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرغان.
ئىلگىرى مەردان بىلەن تونۇشلۇقى بولغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا مەردان سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازا ھۆكۈم قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئىلى تەۋەسىدىكى ئادۋوكاتلار ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشتىن قورقۇپ، بۇ دېلونى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان. مەرداننىڭ دادىسى سېيىتاخۇن ئاكا تونۇشلارنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىدىكى ئالىم قادىر ئىسىملىك ئادۋوكاتقا بۇ ئىشنى ھاۋالە قىلغان. ئالىم قادىر دېلونى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا سېيىتاخۇن ئائىلىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ۋاقتى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتا قاراپ چىقىلمايلا رەت قىلىنغان.
پەقەت دېھقانچىلىققا تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان سېيىتاخۇن ئائىلىسى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش جەريانىدا 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلىگەن بولۇپ، بارلىق دەسمايىسىدىن ئايرىلغان. مەرداننىڭ ئايالى زۇلخۇمار بولسا، قېيىن ئاتىسى سېيىتاخۇن ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە، نارەسىدە ئىككى بالىسى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە غورىگىل ھايات كەچۈرمەكتە ئىكەن. مەردان ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى زۇلخۇمارنى ئۆز تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، زۇلخۇمار مەرداننىڭ ئىككى بالىسىنى ئۆزى قاتارغا قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەرداننى تۈرمىدىن چىققۇچە ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سېيىتاخۇن ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان يەنە بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى رايونىدا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان نازارەت «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ بۇلتۇر ياز پەسلىدە غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان «4 نى ئېنىقلاش» ھەرىكىتى مەزگىلىدە، مەردان ئائىلىسىگە ئوخشاش، سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى قىلىنغان.
بۇ كىشى ئۆز بايانىدا ئەينى چاغدا مەردانغا ئوخشاش دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغىنى ئۈچۈنلا، «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئېغىرلىتىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا بېرىلگەن جازانىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدا بەلگىلىگەن بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ كىشى ئۆز بايانىدا يەنە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى سەۋەبلىك، سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقانلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەمسىتىلىش ھەم يەكلىنىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن، سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. ھالبۇكى ئەرلىرى ھەم ئوغۇللىرى تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ، يېتىم قالغان بالىلىرىنى بېقىشتا قىينىلىۋاتقان ئانىلار، بېقىمسىز قالغان سەرگەردان بالىلارمۇ بارغانچە كۆپەيگەن. ئەمما، بۇنداق ئائىلىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلىشىگىمۇ يول قويۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا.