ئۇيغۇرلار خىتاي جىنايەتچىلىرىگە ئەمەس، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

پۈتۈن خىتايدا زادى قانچىلىك سىياسىي مەھبۇس بارلىقى مەلۇم بولمىغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردىمۇ ئەزەلدىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ سانى تىلغا ئېلىنىپ باققان ئەمەس.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.11.06
Uyghur-Siyasi-mehbus-hayati-305.jpg ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا جامائەت خەۋپسىزلىك، سوت، تەپتىش، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرى ئۈزۈلمەي ئېچىلىپ تۇرماقتا. خىتاي قانۇنىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىدىغان بۇ ئورگانلار ھەمدە ئۇنىڭ تارمىقىدىكى ئاكتىپ ئاتالغان خىزمەتچىلەر ھەرخىل ناملاردا مۇكاپاتلانماقتا. بۇ خىلدىكى يىغىن ۋە مۇكاپات مۇراسىمىنىڭ خەۋەرلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا. ئەمما، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ھەمدە ئۇلار سادىر قىلغان ۋەقە-ھادىسىلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئىزچىل مەخپىي تۇتۇلماقتا. ئۇلارنىڭ سانى بولسا ئەزەلدىن ئاشكارىلىنىپ باققان ئەمەس.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى چوڭ يىغىن چاقىرىپ، 2009-يىلىدىن بۇيانقى مەمۇرى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدا خۇلاسە قىلغان. خۇلاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان 2113 قېتىم ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ چېرىكلىك، پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايى دېلوسى يۈز بەرگەن ۋە بۇ دېلوغا چېتىشلىق 2342 ھۆكۈمەت ئەمەلدارى پاش قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ سانى 121 كىشى بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان 316 مىليون سومغا يەتكەن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلىۋاتقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چېرىكلىك، پارىخورلۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تەقدىرى بولماقتا. جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، نەدىلىكى ھېلىغىچە مەلۇم بولمىغان ئابدۇغېنى مەمتىمىن، مەھبۇبە ئابلەشكە ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلار، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن توختى تۇنياز، جازا مۇددىتى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىۋاتقان كېرەم ئابدۇۋەلى كەبى مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئەندىشە قوزغىماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، د ئۇ ق غا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۇلار توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئېرىشىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇچۇر تەلەپ قىلماقتا.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئاياق باسقان خىتايلارنىڭ مەقسىتىنىڭ بۇلاپ-تالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ سانىنى مەخپىي تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق بىلەن قارىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.