پرېزىدېنت ئوباما سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىلدى
2012.12.13
قاماقتىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو ۋە ئۇنىڭ نەزەربەند ئاستىدىكى ئايالى ليۇ شيا قاتارلىق خىتاي ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا «دېموكراتىيە شۇئان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى پاترىك گرىفىسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ليۇ شياۋبو مەسىلىسى نوقۇل خىتاينىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر.
پاترىك گرىفىس: دوكتور ليۇ شياۋبونى جازالاش پىكىر ئەركىنلىكىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەشنى قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارا قانۇنغا پۈتۈنلەي خىلاپ. خىتاي ئىچكى قانۇنى تىنچ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل خەلقئارا قوغداش يەنىلا كۈچكە ئىگە. خىتاي ھۆكۈمىتى «ليۇ شياۋبونى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالىدۇق» دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق بۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا قوغداشقا ئېرىشكەن ھوقۇقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خەلقئارا جامائەتچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل بىر دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ۋە ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
ليۇ شياۋبو 2008-يىلى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى «2008-نىزامنامىسى» ناملىق ھۆججەتنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغان.
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ليۇ شياۋبونى قولغا ئېلىپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. ئايالى ليۇ شيانى ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلغان. ھالبۇكى، نوبېل كومىتېتى ليۇ شياۋبونىڭ «ئۇزۇن مەزگىل تىنچ يوللار بىلەن ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بەرگەن.
چارشەنبە كۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا پاترىك گرىفىس ليۇ شياۋبونىڭ ئايالىنىڭ نەزەربەند قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: ھەرقانداق بىر ئىچكى ياكى خەلقئارا قانۇن، ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمىگەن بىر كىشىنى قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ياكى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ھوقۇقلۇق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ليۇ شياۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، خىتايدا مۇقىمسىزلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، لېكىن بۇ خىل مۇقىمسىزلىقنى سىستېمىدىكى قانۇنسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پائالىيەتچى چېن گۇاڭچىڭنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 10-ئايدا بۇ يەردە گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىدىن باتۇرلۇق بىلەن قېچىپ چىقىشى، خىتايدا باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىقىنى پاش قىلىپلا قالماي، خىتاي سىستېمىسىدىكى قانۇنسىزلىقنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ خىل قانۇنسىزلىق خىتاي جەمئىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يىلتىزى. خىتايدا ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى داۋاملىق كۆپىيىپ، 1993-يىلى 9 مىڭ700 قېتىم نارازىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، 2006-يىلى 90 مىڭ قېتىمغا چىققان. 2011-يىلى 200 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، ھەر كۈنى 500 قېتىم نارازىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمەتنىڭ تىبەتتىكى قاتتىق كونتروللۇقىنى ئۇرۇش رايونىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. نارازىلىقنى دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىكنىڭ يوقلۇقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. 2009-يىلدىن بۇيان ئەر-ئايال بولۇپ 95 تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان ئىزچىل باستۇرۇش، پۇرسەت بېرىلمەسلىك، ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا كەمسىتىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەر نارازىلىقنى كۈچەيتىپ، مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەكتە.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى كىرستوفېر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلغان. كىرستوفېر سىمىس خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت، كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى.
ئۇ يىغىندا ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق قول ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ: مەن چىن دىلىمدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمەن. پرېزىدېنتنىڭ ليۇ شياۋبو ھەققىدە يۈرەكتىكى سۆزنى قىلىشىنى كۈتىمەن. مەن پرېزىدېنتنىڭ بۇ توغرۇلۇق سۆز قىلىشىنى كۈتكەن، بىراق كىشىلىك ھوقۇق كۈنى كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. بۈگۈن بۇنى سىلەر تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر. بىز بۇنى ئاق سارايغا يەتكۈزىمىز ۋە ئاق ساراينىڭ بېيجىڭ بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىشىنى كۈتىمىز، دەپ كۆرسەتتى.
يىغىندا خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى يۈ جيې گۇۋاھلىق بېرىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتايغا ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىش توغرۇلۇق بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ نوقۇل كومپارتىيە ئىستىبداتلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئەركىنلىككە چىقىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر خەلقئارا مەسىلە.
يۈ جيې مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بىر مىليارد 300 مىليون ئاھالىنىڭ نوقۇل كومپارتىيە ئىستىبداتلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنى ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى يەر شارى دېموكراتىيە ئېقىمىنى ئۇلغايتىپ، شىمالىي كورىيە، ئىران، ۋە كۇبا قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ليۇ شياۋبونىڭ تارىخىي رولى جەنۇبىي ئافرىقىلىق ماندېللا، چېخىيىلىك خاۋېل، جەنۇبىي كورىيىلىك كىم داجۇڭ ۋە بېرمىلىق ئاڭسەن سۇكىيلارنىڭ رولىدىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا ئۇ يۇقىرىقى شەخسلەرگە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. مەن ئامېرىكا سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.