ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە پاناھلىق تىلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك (1)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان سىياسىي، دىنىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تۈرلۈك زۇلۇملىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل مۈشكۈل يوللار ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە پاناھ تىلەپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ، بۇلتۇردىن باشلاپ دېموكراتىك ئەللەرگە كېلىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا بىردىنلا سىلجىش بولدى، بۇنىڭغا 2009 يىلى -5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ئىشلىرى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى "ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى سىياسىي پاناھلىق تىلەش شەرتىگە ئۇيغۇن" دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە چەتئەللەردە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.