0:00 / 0:00
ھەر قايسى دۆلەتتىن كېلىپ، پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋاقتىنچە مۇساپىرلار لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
17-يانۋار كۈنى ئاخشام سائەت 10-11 لەر ئارىسىدا گوللاندىيىدىكى مەلۇم بىر مۇساپىرلار ئورنىدا ئىلتىجالىق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئەكبەرجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش ياتاقدىشى ئابىڭ فامىلىلىك بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.
نۆۋەتتە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەكتە ھەمدە ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولماقتا.