خىتاينىڭ سىياسىي شەرت ئاستىدىكى پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيىلەش پۇرسىتى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچ كۈچلىرىدىن 2000 نەپەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش» تىن ئىبارەت پىلانىنى 1992-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ پىلانى بويىچە 19 يىل ئىچىدە، ئۈچ تۈركۈمدە ئۇيغۇر ئېلىگە جىددىي ئېھتىياجلىق پەن-تېخنىكا تايانچلىرىدىن 2372 نەپەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. نۆۋەتتە يەنى 2011-يىلىدىن 2015 يىلغىچە بولغان تۆتىنچى تۈركۈمدىكى ئالاھىدە يېتىشتۈرۈش تۈرىدە يەنە 2000 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچ كۈچلىرىنى يېتىشتۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دۆلەت مالىيىسىدىن 60 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە تەربىيىلەش تۈرىنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتكەندىن باشقا تەربىيىلىنىدىغان سان ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى كېڭەيتكەن.

19-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان«شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش خىزمىتى يىغىنى» غا قاتناشقان خىتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يىن ۋېيمىن سۆزىدە بۇ قېتىم ئالاھىدە تەربىيىلىدىغان كۇرسانتلاردىن دۆلەت يارىتىپ بەرگەن قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ غايىسى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىدىيە، سىياسىي ساپا ۋە كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىردەك خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە يۇقىرى ساپالىق زىيالىيلىرىنى سىياسىي ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئالاھىدە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش باھانىسىدە كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەۋاتقان بىر پەيتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بۇ خىل ئالاھىدە تەربىيىلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ بىر تەرەپتىن دۇنياغا تەشۋىقات ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى نارازىلىقلارنى بېسىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن تېببىي پەن ساھەسى مۇتەخەسسىسى مەمتىمىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەشكە كۈچ ئاجرىتىشىنىڭ مەقسىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر تەبىئىي پەنلەر بويىچە مۇتەخەسسىس خىتاينىڭ ئىلىم پەن ساھەسىنى سىياسەت بىلەن كونترول قىلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلغاندىن باشقا، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھەر ساھەدە پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا موھتاج بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر مىللەت ئۈچۈن، خىتاينىڭ مەقسەتلىك ۋە ياكى شەرتلىك بولغان بۇ خىل ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانىنىمۇ پۇرسەت دەپ بىلىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.