د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك: «تۈركىيە ئادالەتتىن ئازمايدۇ»

خىتاي دائىرىلىرى 18-ئىيۇل خوتەندىكى ساقچىخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى «تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاساسلىق كۆپ ساندىكى چەتئەل ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ بۇ ئاساسسىز بايانىغا ئېتىبار بەرمىدى.

0:00 / 0:00

ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى شەرھلىمەكتە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2009 يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى» ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دەپ ئەيىبلىگەن بىردىن-بىر دۆلەت ئىدى، ئۇنداقتا خوتەن ساقچىخانىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا تۈركىيە قانداق مەيدان تۇتماقتا؟

بۇنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىلەر.